رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 709 قېتىم كۈرۈلدى
تېلىگىراف شىركىتىنىڭ كىرىمى 11 ئايدا 8190 مىليونغا يېتىپ ئادەتتىكىدىن 6.6 پىرسەنت ئاشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

21-دېكابىردىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، سانائەت-ئۇچۇر ئورگىنىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان «2010-يىلى 11 ئايلىق تېلىگىراف ئومۇمىئىي خىزمەت ئەھۋالى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت ئونۋېرسال تېلىگىراف خىزمىتى ئومۇمىئىي پۇل سانى 28152.8 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىن 20.6 پىرسەنت ئاشقان. تېلىگىراف شىركىتىنىڭ مەخسۇس ئۆزئالدىغا قىلغان كىرىمى 8190.3 مىليوغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 6.6 پىرسەنت ئاشقان.
بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو ككچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كىرىمى 5718.8 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11.6 پىرسەنت ئاشقان. شۇنداقلا تېلىگىراف مەخسۇس كەسپىدە ئىگەللىگەن ئورنى ئالدىنقى يىلدىكى 66.70 پىرسەنتتىن 69.82 پىرسەنتكە كۆتۈرۈلگەن. بىراق مۇقىم كىرىمى جەمئىي 2471.5 مىليون بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3.4 پىرسەت تۆۋەنلىگەن. تېلىگىراف مەخسۇس كەسپىدە ئىگەللىگەن ئورنى ئالدىنقى يىلدىكى 33.30 پىرسەنتتىن 30.18 پىرسەنتكە تۆۋەنلىگەن.
يەرلىكتىكى سۆزلىشىش مۇلازىمىتى جەھەتتە، مۇقىم تېلىفوندا سۆزلىشىش سانى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىن 19.1 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. ئەمما كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ يەرلىكتىكى تېلىفوندا سۆزلىشىش ۋاقتى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىن 18.9 پىرسەنت ئاشقان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش