رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 659 قېتىم كۈرۈلدى
كانادا نېمە ئۈچۈن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدە ئىقتىسادنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرەلىدى؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

غەربتىكى يەتتە سانائەت دۆلىتى ئىچىدە، كانادانىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى ئەڭ كەينىدە بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدە كانادانىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى. كانادا نېمە ئۈچۈن زەربىگە ئاز ئۇچراپ، ئىقتىسادنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرەلىدى؟

   ئىقتىسادشۇناسلار بۇ سوئالغا: بۇنى كانادا بانكا كەسپىدىكىلەرنىڭ مۇتەئەسسىپلىكىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: ۋال كوچىسىدىكىلەر پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، رەنىلىك قەرز، كېپىللىك زايوم قاتارلىق نەيرەڭلەرنى ئويلاپ چىققاندا، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلىپ – بىلمەي ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشتى، لېكىن كانادانىڭ بانكا ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كەمتەرلىك قىلدىمۇ ياكى كاللىسىنى سەگەك تۇتتىمۇ ، ئۇلار بىلەن بىر يولدا اماڭمىدى. شۇ سەۋەبتىن، بۇ بىر مەيدان ئېغىر خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى كانادانىڭ بانكا ساھەسىگە زەربە بولمىدى.

   ئىككىنچى، كانادا كارلېتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى چېن جىچى ئانالىز قىلغاندەك، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرزىدىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن كانادانىڭ قەرز پۇلنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئامېرىكىنىڭكىدىن خېلىلا چىڭ بولدى. مەسىلەن: كانادادا قەرز پۇل ئېلىپ ئۆي سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلىڭىز%5تىن تۆۋەن بولمايدۇ، ئەگەر %5 – %20 ئارىلىقىدا بولسا جەزمەن قەرز پۇل سۇغۇرتىسى سېتىۋالىسىز. كانادادىكى بانكىلار قەرز پۇل ئالغۇچىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ. شۇڭا، كانادادا ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇل كىرىزىسى يۈز بەرمىدى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇشىغا ئېھتىياجلىق بولمىدى، شۇنىڭدەك قەرز پۇل بېرىش كەسپىي توڭلىتىلماستىن، ئەكسىچە ئاز – تولا ئاشتى.

   ئۈچىنچى، كانادانىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ساغلام مالىيە ئاساسىدىن نەپ ئالدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، كانادا مالىيە قىزىل رەقىمىنى تۈگىتىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەنگە قەدەر پايدا ئېلىپ ئېشىنىش ھالىتىنى ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كانادانىڭ قەرز مىقدارىمۇ يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدە ئەڭ كەينىدە تۇردى. ساغلام مالىيە ئەھۋالى كانادانى كۈچلۈك زەربىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى. بۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدىكى باش ئىقتىسادشۇناس پاتوئاننىڭ: ‹‹كانادا ئىلگىرىكى ياخشى سىياسىتىدىن خېلى كۆپ نەپ ئالدى›› دېگىنىدەك بولدى.

 

   تۆتىنچى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش تەدبىرى تېز ھەم ئۈنۈملۈك بولدى. ‹‹كانادانىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەت پىلانى››غا چېتىلىدىغان مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 62 مىليارد كانادا دوللىرى (بىر دوللار تەخمىنەن 1.02 كانادا دوللىرىغا تەڭ)غا يېتىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىغا تەڭلەشتى. بۇ ئىقتىسادنىڭ نورمال ئايلىنىشى ۋە تېز ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ ھەرىكەت پىلانى 23 مىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى%1.5 پوئېنتقا يەتتى. ئىش ئورنىدىن 430 مىڭى تەسىس قىلىنىپ، كىرىزىس سەۋەبلىك يوقالغان ئىش ئورنى تولۇقلاندى.

   بەشىنچى، كانادا يەنە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىن نەپ ئالدى. ئامېرىكا بازىرىنىڭ تارىيىشىدىن كانادا ‹‹تۇخۇمنىڭ ھەممىسىنى بىر سېۋەتكە سېلىش››نىڭ خەتىرىنى ھېس قىلدى. كانادا مىنىستىرلارنى تەرەپ – تەرەپكە يېڭى ئېكسپورت بازىرى ئېچىشقا ئەۋەتتى ھەم ئاسىياغا قاراتقان سودىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ‹‹ئاسىيا – تىنچ ئوكيان دەرۋازىسى پىلانى›› نى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى كاناداغا بولغان ئېنېرگىيە ۋە بايلىق ئېھتىياجىنى ئاشۇردى. بۇنىڭ ئىپادىسى ياغاچ ماتېرىياللىرى كەسپىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولدى، بەزى كارخانىلار جۇڭگونىڭ زور ئېھتىياجى سەۋەبلىك قايتىدىن باش كۆتۈردى.

   كانادانىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتقان بولسىمۇ، لېكىن ئېشىشى تازا مۇقىم بولماي، 2 – پەسىلدىكى ئېشىش نىسبىتى ئاران %2 بولدى. ئىشسىزلىق نىسبىتى%8تىن چۈشمىدى، كانادادىكى دائىملىق تۈرلەردە كۆرۈلگەن مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ %3 لىك قىزىل سىزىققا يېقىنلىشىشى ھۆكۈمەتنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. شۇ سەۋەبلىك، كانادا ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، 2010 – يىلى 22 مىليارد كانادا دوللىرى مەبلەغنى كۆپەيتىپ سالغاندىن سىرت، يېڭى خەلقئارا بازار ئېچىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھىندىستان بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلىماقچى بولدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش