رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 633 قېتىم كۈرۈلدى
خەلقئارادا ئالتۇن باھاسىدا 2011-يىلى ئۆزگىرىش بولامدۇ-يوق؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

2010-يىلى خەلقئارادا ئالتۇننىڭ باھاسى %29.7 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1400 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى ھەم يىل ئاخىرىدىكى سودا كۈنىدىكى باھا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. ھالبۇكى، ئالتۇن باھاسى 2011-يىلىدىكى تۇنجى سودا كۈنىدە ئازراق ئۆرلىگەندىن كېيىن ئۇدا چۈشۈپ، تۆت كۈندە % 3.8 چۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدە نيۇ يورك تاۋار بېرژىسىدا 4-يانۋار ئالتۇننىڭ باھاسى 44.1 دوللار چۈشۈپ، يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئالتۇن باھاسى ئەڭ كۆپ چۈشكەن كۈن بولدى.
2011-يىلى باشلىنىشى بىلەن ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى، بۇنىڭدىن قارىغاندا يېڭى يىلدا ئالتۇن باھاسىدا ئۆزگىرىش بولامدۇ - يوق؟ «ئەنسىرەش ــ 2010-يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىنىڭ سەۋەبى»، دېدى چىكاگو ئولىمپاس زاكاز مال شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بازار تەھلىلچىسى چارلىز نىدوس.
ۋەھالەنكى، 2011-يىلى باشلىنىشى بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلانغانلىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار مەيدانغا كېلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپلا قالماي، يەنە خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قىممەتنى ساقلاش قورالى بولغان ئالتۇننىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاجىزلاتتى.
بازاردىكى قىسمەن زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادى يېڭى يىلدا يېڭى ھالەتنى نامايان قىلدى، ياۋروپا ئىقتىسادى نەچچە قېتىملىق قەرز تەھدىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەنە ئومۇمىي جەھەتتىن ئاشتى، تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادىنىڭ 2011-يىلى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى. ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاي چېكى بازىرى، ئۆي-مۈلۈك بازىرى قاتارلىق خەتىرى چوڭ، ئۈنۈمى ياخشى ئاساسىي گەۋدىلەرگە مەبلەغ سېلىشى ئەسلىگە كەلدى.
لېكىن تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن ئالتۇن ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى زىددىيەتلىك بولمايدىكەن، سەۋەبى، 1999-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە دۇنيا ئىقتىسادى مۇقىم ئاشقان، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ 250 دوللاردىن 1000 دوللارغا ئۆرلىگەن.
نىدوس مۇنداق دېدى: 2011-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى تەدرىجىي ئېشىپ، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن بازار كەسپىدە پۇل پاخاللىقى مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، 2011-يىلى پۇل پاخاللىقى بېسىمى خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجىغا دۇچ كېلىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتا يۇقىرى رېكورت يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدىكەن. 
يەنە بىر تەرەپتىن، تەلەپ بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش يەنىلا تەس ئىكەن. دۇنيا بويىچە ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل بىز ئىزدا توختاپ قالغان. دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا بويىچە ئالتۇننىڭ مەھسۇلات مىقدارى 2001-يىلى 2600 توننىغا يەتكەندىن كېيىن، تا ھازىرغىچە 2200 توننىدىن 2600 توننىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇرغان. 2001-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە دۇنيا بويىچە ئالتۇننىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى %9.6 چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارادا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %321كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالتۇن ئېھتىياجى ئۆزلۈكسىز ئاشقان. 2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى ئالتۇن زاپىسىنى سېتىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ، ئالتۇن سېتىش مىقدارى %96 چۈشكەن. جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى ئالتۇن زاپىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
بۇنىڭدىن سىرت، مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنىڭ ئومۇمىي ئېھتىياجدىكى نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى دۇنيانىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئالتۇن ئېھتىياجىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ %40 ىنى ئىگىلىگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، 2011-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى تەدرىجىي ياخشىلانسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن ئۆسۈم سىياسىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئۆزگىرىشى تەسكە توختايدىكەن. تۇراقسىزلىق ئامىلىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دوللار، ياۋرو قاتارلىق قەغەز پۇلنىڭ كۇرسى داۋاملىق چۈشۈپ، ئالتۇن «قاتتىق ئوبوروت» بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن.
چىكاگودىكى PTI ئاكسىيە، قەرەللىك مال شىركىتىنىڭ باش لىدىرى داننىل خار مۇنداق دېدى: دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى 2011-يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، 2011-يىلى جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولماسلىقى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى يوشۇرۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدۇ. نىدوس مۇنداق دېدى: ئىران يادرو مەسىلىسى بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر زىددىيەت كەسكىنلىشىپ قالسا، خەۋپتىن ساقلىنىش مەبلىغىنىڭ كۆپ قىسمى ئالتۇن بازىرىغا ئېقىپ كىرىشى مۇمكىن.
يىغىنچاقلىغاندا، كۆپ خىل ئامىلنىڭ گىرەلىشىپ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن 2011-يىلى ئالتۇننىڭ باھاسى يەنە ئۆرلەپ، داۋاملىق يېڭى رېكورت يارىتىشى مۇمكىن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش