رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 568 قېتىم كۈرۈلدى
بلايىرنىڭ مىس ھەيكىلىنى پارلامېنتقا قويۇش–قويماسلىق بەس–مۇنازىرە قوزغىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە لېيبورىستلار پارتىيەسى يېقىندا ئاۋام پالاتاسىدا بلايىرنىڭ مىس ھەيكىلىنى ئورنىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. لېكىن، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بۇ تەكلىپنى ‹‹ئەقىلگە سىغمايدىغان كۈلكىلىك تەكلىپ››، دەپ سۆككەن.
   خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بلايىرنىڭ مىس ھەيكىلى چېرچېلنىڭ مىس ھەيكىلى يېنىغا ئورنىتىلىدىكەن، بلايىر ساچىر خانىمدىن كېيىن بۇنداق شەرەپكە ئىرىشكەن 2 – ھايات سىياسىيون بولۇپ قالىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بلايىرنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىش پائالىيىتىنى لېيبورىستلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى توماس دوچېرتى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ باشقا پارلامېنت ئەزالىرىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: ‹‹پارلامېنت بىناسىنىڭ زالىغا بلايىرنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلىشى كېرەك، ئۇ ساچىر خانىمغا ئوخشاش ئېتىراپ قىلىنىشقا ھەقلىق. ئۇ ئۆتكەن يۈز يىلدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2 – ئۇزاق باش ۋەزىر. ئۇ سايلامدا ئۈچ قېتىم ئۇدا غەلىبە قىلغاندىن باشقا، شىمالىي ئىرېلاندىيە تىنچلىق مەسىلىسىدە مۇھىم رول ئوينىدى، شۇتلاندىيە ۋە ۋىلشقا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بەردى، مىراسخور ئاقسۆڭەكلەرنى يۇقىرى پالاتادىن قوغلاپ چىقاردى››.
   لېكىن، ساچىر خانىمنىڭ يېقىن دوستى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى بورنېس بۇ تەكلىپكە قارشى تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بلايىر ساچىر خانىمغا ئوخشاش شەرەپتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، دېيىش ئىنتايىن بىمەنىلىك. ساچىر خانىم ئەنگلىيەنى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتۇلدۇردى، دۇنيا سەھنىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى، ئەنگلىيەنى قايتىدىن چوڭ دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزدى. لېكىن، بلايىر ئەنگلىيەنى 1979– يىلىدىكىدىنمۇ ئوسال ئەھۋالغا قويدى››. لېيبورىستلار پارتىيەسىدىن بولغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرى: ‹‹ھەر قانداق نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بلايىر كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون ئەمەس، ئۇ بىزنى ئىراق ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىردى››، دېدى.
 
   خەۋەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە قائىدە بويىچە، ئاجايىپ نەتىجە يارىتىپ، نامى تارىخقا مەڭگۈ پۈكۈلىدىغان سابىق باش ۋەزىرنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ھەيكىلى ئورنىتىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق شەرەپكە ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا نائىل بولىدۇ. لېكىن، ئۈچ يىل بۇرۇن، ئەنگلىيە پارلامېنتى ساچىر خانىمنىڭ بۈيۈك نەتىجىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئېگىزلىكى 2.23 مېتىرلىق برونزا ھەيكەل ئورناتقان. لېكىن، ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش ۋەزىر بلايىر بۇ ئىشقا ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلە قىلغان، ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغان.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش