رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 492 قېتىم كۈرۈلدى
ئىراننىڭ 6 نەپەر ئەسكىرى توپىلاڭچىلار بىلەن ئېتىشىپ ئۆلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -22
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

www.alhux.com

 

 

ئىراق كۇردىستان رايونىنىڭ پايتەختى ئېربىلدىكى بالىلار ئىراننىڭ چېگرا رايوندىكى بازارنى بومباردىمان قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-ئىيۇل خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىران پارس ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇلدىكى خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئىران ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ 6 نەپەر ئەسكىرى ئىران بىلەن ئىراق چېگرىسىدىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن توقۇنۇشقاندا ئۆلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىران ئىنقىلابىي ئارمىيىسى ئالدىنقى ھەپتە «كوردىستان ئەركىن ھايات پارتىيىسى» قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان، ئىككى تەرەپ ئىران بىلەن ئىراق چېگرا يونىدا ئېتىشقان، ئىران كېيىن «كۇرسىتان ئەركىن ھايات پارتىيىسى» نىڭ ئىراقتىكى 3 گازارمىسىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئىگەللىنىشچە، ئىككى تەرەپنىڭ ئېتىشىشى ئىران ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ 6 نەپەر ئادىمىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۆلگەنلەر ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار قۇم شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىك كوماندىرى ئابباس ئاسىمى ئىكەن ئىكەن، باشقا يەنە 3 ئادەم يارىدار بولغان. «كۇردىستان ئەركىن ھايات پارتىيىسى» 2 نەپەر ئەسكەر ئۆلدى، 4 نەپەر ئەسكەر يارىدار بولدى دېگەن.
تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ يەر يۈزى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە ئىراق كورد ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك توپىلاڭچىلارنىڭ چېگرا ئاتلاپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىران ئارمىيىسى كۆپ قېتىم چېگرا ئاتلاپ، ئىراق كورد ئاپتونوم رايونىدىكى «كوردىستان ئەركىن ھايات پارتىيىسى» نىڭ تايانچ نۇقتىلىرىغا زەربە بەرگەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش