رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 860 قېتىم كۈرۈلدى
كۈنداشلىق توزۇتقان ئائىلە
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -22
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : نۇر

ئېليار 2001-يىلى چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا مەھەللىسىدىكى گۈلبوستان بىلەن توي قىلدى. بۇ بىر جۈپ تويدىن كېيىنن بىر-بىرىنى قەدىرلەپ، مەھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ، ھەش-پەش دېگۈچە بەش يىلنى ئۆتكۈزدى. ۋە بۇ جەرياندا بىر ئوغۇل، بىر قىزغا ئاتا-ئانا بولۇشتى، بىراق ئۇلارنىڭ شېرىن كۈنلىرى ئۇزاققا بارمىدى. مۇشۇ كۈنلەردە گۈلبوستان نېمىشقىدۇر ئېليارغا ئىشەنمەيدىغان، مەھەللىدىكى قىزلاردىن كۈنلەپ ئۇرۇشىدىغان بولۇۋالدى. بۇنداق چاغدا ئېليار ئايالىم مېنى ياخشى كۆرگەچكە چىدىماي گۇمانلىنىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ پەرۋا قىلىپ كەتمىدى، بىراق كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، گۈلبوستاننىڭ تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ:« سېنىڭ مەھەللىدىكى پالانى قىز بىلەن چاتىقىڭ بار»دەپ كوتۇلدىشى، پۇلىنىڭ ھېسابىنى قىلىشى ئېليارنىڭ بېشىنى ئوچاق قىلىۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئائىلىدە جېدەل قۇرۇمىدى.
ئەر-خوتۇن بۇ يىل يانۋاردا يەنە شۇ سەۋەب بىلەن ئۇرۇشتى. ئېليار ئاچچىقىغا پايلىماي گۈلبوستاننى ئۇردى. بۇنىڭ بىلەن گۈلبوستان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتتى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ گۈلبوستان ئېليار بىلەن يارىشىۋېلىش مەقسىتىدە چوڭلارنى ئارىغا سالدى. بىراق ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى.
ئېليار بۇ يىل ماي سوتقا ئەرز سۇنۇپ، نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇۋېتىشنى، تويلۇق ئالغان كېيىم-كېچەك، ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ۋە سالاملىق مۈلۈكلەرنى ئايالىغا بېرىپ، ئىككى پەرزەنتىنى ھەمدە ئائىلىدىكى موتوسىكلىتىنى ئۆزىگە بويرۇپ بېرىشنى، ئورتاق قەرز 15 مىڭ يۈەننىڭ يېرىمىنى ئايالىدىن تۆلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گۈلبوستان بۇنىڭغا قارىتا:« داۋاگەر بىلەن نىكاھتىن ئاجراشمايمەن، ئەگەر مەجبۇرىي ئاجرىشىمەن دېسە، ئىككى بالىنى ئۆزۈم باقىمەن، ئىككى بالا 18 ياشقا كىرگۈچە دەۋاگەر ھەر ئايدا 400 يۈەن راسخوت بەرسۇن، ئورتاق مۈلۈكتىن بىر ئاپتوبوبىل، بىر موتوسىكلىت، 170 كىۋادىرات مېتىرلىق تۆي ئېغىزلىق ئۆي، 25 تۇياق قوي، 15 مو تېرىلغۇ يەرنى ماڭا بويرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا، دەۋەگەر 3-شەخسكە بۇزۇلۇپ مېنى خورلىغان قىلمىشى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن روھى زىيان تۆلىمى بەرسۇن»دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار تەلەپ قىلغان ئاپتوموبىلنى دەۋەگەرنىڭ ئاتىسى ئېلىپ تەرەپلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ۋاقتىنچە بېرىپ تۇرغانلىقى، ئۆينىڭ دەۋاگەرنىڭ ھاممىسىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، 7-ئىيۇل كەنت كادىرلىرى، ئامما قاتناشقان مۇرەسسە سوتى ئاچتى،تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى چۈشەندۈرۈش نەتىجىسىدە دەۋالاشقۇچىلار ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىشم ھاسىل قىلدى، كېلىشىمگە ئاساسەن ئىككى تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىدىغان، چوڭ پەرزەنتنى دەۋاگەر، كىچىك پەرزەنتنى جاۋابكار بېقىپ تەربىيلەيدىغان، تويلۇق ئالغان كېيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت،سالاملىق مۈلۈك، 16 تۇياق قوي ۋە موتوسىكلىتقا جاۋابكار، قالغان مۈلۈكلەرگە دەۋاگەر ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان، دەۋاگەر جاۋانكارغا 10 مىڭ يۈەن بېرىدىغان بولغان.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش