20-ئىيۇل مۇخبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇ ئىشلىرى گوروھىدىن ئىگىلىشىچە، لىيۈ تېغىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان 20 مىڭ كۇپ مېتىر سۇ تەڭشەش ۋە ساقلاش كۆلچىكىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، ئەسلىدىكى سۇ كۆلچىكىدىن سۇ كىرگۈزۈپ، سۇ چىقىرىش تۇربىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇشى كېرەك بولغاچقا، 21-ئىيۇلدىن 23-ئىيۇلغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا سۇ بىلەن تەمىلەش تەسىرگە ئۇچىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
21-ئىيۇل سائەت 22:00 دىن 23-ئىيۇل سائەت 10:00 غىچە لىيۈشەن يولى(鲤鱼山路)، بېيجىڭ جەنۇبى يولى(北京南路沿线)، غەرىبىي باجىياخۇ يولى(西八家户路)، يىنچۈەن شىمالىي يولى(银川北路)، تىيەنجىن جەنۇبىي يولى(天津南路)، خېنەن شەرقىي يولى، سۇجۇ يولى بويىدىكى رايونلار تەسىرگە ئۇچىراپ سۇ توختايدىكەن. شىنيى يولىدىن ئالتاي يولىغىچە بولغان رايونلار، لىيۈشەن جەنۇبىي يولى(鲤鱼山南路)، تىيەنجىن شىمالىي يولى (天津北路)، خېبېي شەرقىي غەربىي يولى(河南东路)، چاڭچۈن جەنۇبى يولى (ئەسلىدىكى گاۋشىن رايونى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان رايونلار)، سىپىڭ يولى(四平路)، قەشقەر شەرقىي غەربىي يولى(喀什东西路) قاتارلىق يول بۆلەكلىرى بويىدىكى رايونلار تەسىرگە ئۇچىراپ، سۇ بېسىمى تۆۋەن بولىدىكەن. ئەگەر ھاۋا رايى ياكى باشقا ئالاھىدە سەۋەپلەر بولۇپ قالسا، سۇ توختاش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا بىر ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى سۇ ئىشلەتكۈچى ئاھالىلەرنىڭ تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللاردىن ساقلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776