رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 613 قېتىم كۈرۈلدى
20-نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 8-ئاينىڭ18-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -20
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.wlmqwb.com

ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە،خۇنەن ئۆلكىلىك ساياھەت بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئويۇشتۇرغان، ئۈرۈمچى تىيەنجۇبوۋىن داڭلىق ماركا چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئۈستىگە ئالغان، 20-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇرپاندا ئۆتكۈزىلىدىكەن. ئېگىىلىنىشىچە، ئۈزۈم بايرىمى بولسا گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان شىنجاڭدىكى بىردىنبىر  مەملىكەتتىكى 40 مۇھىم تەبرىكلەش بايرىمىنىڭ بىرى ئىكەن.
بۇ قېتىملىق بايرامنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولسا« جەلىپكار شىنجاڭ، سېھىرلىك تۇرپان» ئىكەن. بۇ يىللىق ئۈزۈم بايرىمىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولسا،چوڭ تىپتىكى ئامما تاللاش پائالىيىتى« ئانارخاننى ئىزدەش» نى  ئويۇشتۇرۇش ئارقىلىق، تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ ئوبراز ۋەكىلىنى تاللاپ چىقىش  ئىكەن. ئۈزۈم بايرىمى 11 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ساياھەت، مەدەنىيەت، تاشقى ئىقتىساد-سودا  ، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن، تەخمىنەن 100 مىڭ غا يېقىن كىشى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىكەن،600 كۆرگەزمە ئورنىدا ھەرقايسى كەسىپتىكى كارخانا-شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.
بۇ قېتىملىق ئۈزۈم بايرىمى ھۆكۈمەت ئۆزى ئويۇشتۇرۇشتەك ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم بازارلاشتۇرۇش ئامىللىرىنى سىڭدۈرگەن، ھۆكۈمەت باش بولۇپ تەشكىللەش، كارخانىلار مەھكارلىشىش ئەندىزىسىنى قوللانغان. بۇ قېتىملىق ئۈزۈم بايرىمى، ساياھەت تاۋارلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ئۈزۈم ھارىقى كارىدورى، شىنجاڭ سەنئەت كۆرگەزمىسى، ماشىنا ۋە ئۈزۈم ئېگىلىكى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈسكۈنلىرى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يېغىنى، شىنجاڭ ئالاھىدە باغ-ئورمانچىلىق ئېگىلىكى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، دالا بۇيۇملىرى كۆرگەزمە يېغىنى، كىچىك تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدىكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش