رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1063 قېتىم كۈرۈلدى
شىخەنزىلىك يىگىت تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ ياۋۇزلىشىپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -19
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : news.iyaxin.com

ياشىن تورى خەۋىرى: جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆزگۈرۈپ ئادەم بولماي، نەگىلا بارسا قالايمىقانچىلىق تېرىپ، چاقماق بىلەن ئوت قويۇپ يۈرگەن يىگىت يەنە بىر قېتىم جاجىسىنى يەيدىغان بولدى.7-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، شىخەنزە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمالىي زىۋۇ يولىدىكى ساقچىخانا يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 12-رايوندىكى بىر ھۆسۈن تۈزەش دۇكىنى ئېچىدە ئوغرىلىق قىلغان، قەستەن كىشلەرنىڭ مال-مۈلكىگە زىيانكەشلىك قىلغان، ئوت قويۇپ باشقىلارنى پاراكەندە قىلغان جىنايەت گۇماندارى جيا X يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنغان.
بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن جياX، ئىلگىرى باشقىلار بىلەن قالايمىغان ئۇرۇشۇپ تۈرمىگە سولانغان ئىدى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن سانجىدىن شىخەنزىگە قېچىپ كېلىپ، ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن، چاقماق كۆتۈرۈپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ماشىنىلىرىنى كۆيدۈرۈپ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىغان.
7-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەھەردە، جيا X چاقماق كۆتۈرۈپ شىخەنزە شەھىرى12-رايوندىكى بىر يەر ئاستى ئۆيىدە، شۇ يەرگە قويۇلغان بۇس تارتقۇ ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوت قويۇۋېتىپ، 4700 يۈەن ئىقتىسادىي زىيان سالغان. 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە، ئۇ يەنە شىخەنزە شەھىر شەرقىي ئايلانما يولىدىكى جۇڭگو بانكىسىنىڭ تاماق بانكىسىغا كىرىپ، بانكا ئالدىدىكى ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇغا ئوت قويوپ پۇل ئالغۇنىڭ ئۈستىدىكى بىر قەۋەت سۇلياۋ يۈزنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. شۇ كۈنى سەھەر سائەت 5دە، شىخەنزە شەھىرى 24-رايونغا كېلىپ، يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان بىر ماشىنىغا ئوت قويۇۋېتىپ، 14 مىڭ 500 يۈەن زىيان سالغان ھەمدە يولغا توختىپ قويۇلغان بىر ۋېلىسپىتنى بۇلاپ قاچقان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ساقچىغا مالۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ دېلو مەلۇم قىلغۇچىلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ 7-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە شىخەنزە شەھىرى12-رايوندا قولغا ئېلىنغان. دەسلەپكى قەدەمدە سوراق قىلىشتا جيا X ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن قالايمىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارتۇقچە بىلىنىدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن ئۆزىنى بىلمەي شۇ ئىشلارنى قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە جيا X داۋاملىق جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ، دېلو ئەھۋالى داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش