رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 832 قېتىم كۈرۈلدى
سانجىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -16
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

 

www.alhux.com

 

 

شىنخۇا تورىنىڭ 15-ئىيۇل خەۋىرى: 15-ئىيۇل سەھەردە، شىنجاڭ سانجى شەھىرىدە بىر كىچىك ماشىنا بىلەن بىر يۈك ماشىنىسى سوقۇلۇپ كېتىپ، كىچىك ماشىنىنىڭ ماشىنا بېشى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ، ئۈچ ئادەم كىچىك ماشىنا ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان. يەنە بىر ماشىنىنىڭ شوپۇرى  خېلى سەگەل بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇپ، ماشىنا ئىچىدىن قوزغىلىشقا پېتىنالمىغان.
15-ئىيۇل سەھەر سائەت 1 دىن 9 مىنوت ئۆتكەندە، سانجى شەھىرى ج خ ئوت ئۆچۈرۈش  ئەترىتى چوڭ ئەترىتى 119 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بويرۇقى بىلەن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان، ۋەقە  سانجى شەھىرى كۈنخې  جەنۇبىي يولىىنىڭ جەنۇبقا قارىغان يولدا يۈز بەرگەن.  يۈك ماشىنىسى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن ، كىچىك ماشىنا  ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەي ماشىنىنىڭ ئالدى قىسمى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئوڭ ئالدى  تەرەپ بالونىمۇ بېسىلىپ، شامال توسۇش ئەينىكى سۇنۇپ كەتكەن ، ماشىنا ئىچىدە يەنە ئۈچ ئادەم قاپسىلىپ قالغان ئىكەن.
ماشىنا ئىچىگە قاپسىلىپ قالغانلارنى ۋاقىتىدا قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسكەرلىرى بىر تەرەپتىن  ماشىنا ئىچىدىكىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تېنچلاندۇرۇپ  جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ  ئىچىدىكىلەرگە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىشىگە ھەمكارلىشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ  بەدەن كۈچىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلشقا ھەمكارلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن  كېڭەيتكۈچ ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق سۇيۇقلۇق بېسىملىق ئامبۇر قاتارلىق نەرسىلەر ئارقىلىق  بۇزۇپ  كىرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتى  ئېلىپ بارغان. قۇتقۇزۇش خادىملىرى 10 مىنوتتىن ئارتۇق تىرىشىىش ئارقىلىق قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ھەمدە دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان.
نۆۋەتتە، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋەقە يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش