رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1194 قېتىم كۈرۈلدى
كورلا شەھىرىدە سەككىز نەپەر «QQ ئوغرىسى» قولغا ئېلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -16
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.iyaxin.com

 

www.alhux.com

 

ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى، مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 8 دە، ئۈرۈمچىدىن قوزغالغان يولۇچىلار پويىزى ئاستاغىنا كورلا بېكىتىگە كىردى. سەككىز نەپەر تور جىنايەت گۇماندارىنى كورلا شەھەرلىك مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى ساقچىلىرى پويىزدىن ئېلىپ چۈشتى. تا بۈگۈنگىچە، ساقچىلار بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ كەينىگە 45 كۈن چۈشۈپ، نەچچە ئۆلكە ئاتلاپ QQ نومۇرىنى ئوغرىلاپ تور ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىنى رەسمىي پاش قىلغانىدى.
7-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرلار بىرىنچى قېتىم دېلو بېجىرىدىغان ساقچىلارنى زىيارەت قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالدىنقى بىر مەزگىل ۋاقىتتا، بۇ قاسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار QQ ياغاچ ئات ۋىرۇسى ۋە تاۋباۋ تورىنىڭ «بېلىق تۇتۇش» بەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تورداشلارنىڭ QQ نومۇرلىرىنى ئوغرىلىۋېلىپ، ئۇلار مەزكۇر QQ ئىگىسىنىڭ QQ دىكى دوستلىرىدىن پۇل سېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پۇللىرىنى ئېلىۋالغان. پۈتۈن ئوبلاست دائىرىسىدە مۇشۇنداق دېلولار ناھايىتى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن، بۇ خىل ھادىسە ئاخىرىدا كەڭ تورداشلارغا زور دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھادىسە، ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كورلا شەھەرلىك مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى ساقچىلىرى مەزكۇر دېلوغا پۈتۈن دىققىتىنى قاراتقانىدى.
بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، بۇ خىلدىكى تور ئالدامچىلىق جىنايەتلىرى بىر ئوبلاست ياكى بىر ئۆلكە بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى مەملىكەتنىڭ پۈتۈن ئۆلكىلىرىنى قاپلىغان. شۇنىڭ بىلەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تاللانغان ساقچى قىسىملارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خېبىي، گۇاڭشى، خۇنەن قاتارلىق جايلارغا يۆتكەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلار 45 كۈن نەچچە مىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ جاپالىق ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك سەككىز نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۈچ دانە ئالدامچىلىق شايكىلىرى بىتچىت قىلىپ، 148 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ھارام پۇلنى قايتۇرۇپ كەلگەن.
چۈشەندۈرۈلۈشىچە، بۇ بىر قىسىم تور ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇماندارلىرى ئاساسلىقى گۇاڭشى ئۆلكىسىدىن بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ خايكېرلىق تېخنىكىسىغا تايىنىپ باشقىلارنىڭ QQ نومۇرلىرىنى ئوغرىلىۋېلىپ، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ QQ دىكى دوستلىرىدىن پۇل ئۈندۈرۈۋالغان. نۆۋەتتە، بۇ سەككىز نەپەر تور ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇماندارلىرى باشقىلارنىڭ QQ نومۇرلىرىنى ئوغرىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ دوستلىرىدىن پۇل تەلەپ قىلىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ سەككىز نەپەر جىنايەتچى «QQ نومۇرىنى ئوغرىلاش» جىنايى ئىشلىرى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
ساقچى تەرەپ كەڭ تورداشلارنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ:«كۆرگىنىمىزنىڭ ھەممىسى راست بولۇشى ناتايىن، توردىكى ئالدامچىلىقلارنى مۇداپىئەلىنىش تونۇشىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن QQ رىمزىغا ئالدىراپ ناتونۇش كىشىلەرنى قاتماسلىقىمىز، ئۇلار ئەۋەتكەن تۈرلۈك ئې-خەتلەرنى ئاچماسلىقىمىز، تۈرلۈك ۋىرۇسخۇرلار ۋە يۇمشاق دېتاللارغا دىئاگنوز قۇيۇش قوراللىرى ئارقىلىق بىز زىيارەت قىلىۋاتقان بەت ياكى ئې-خەتلەرگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆز يۈگۈرتىشىمىز، ئەگەر خەتەر بايقالسىلا، ئۇنى تاقىۋېتىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ، سىنلىق پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ پۇلنىڭ گېپىنى قىلغان ھامان، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك».

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش