رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 501 قېتىم كۈرۈلدى
خوتۇنىنىڭ ئېلخېتىنى ئوغرىلىقچە كۆرگەن ئەرگە بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

خوتۇنىنى ‹‹ناشايان ئىش قىلىۋاتىدۇ››، دەپ گۇمانلانغان ئامېرىكىلىق لېئون ۋوك خوتۇنىنىڭ ئېلخېتىنى ئوغرىلىقچە ئوقۇپ، ئامېرىكىنىڭ ‹‹قەستكارلارغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››غا خىلاپلىق قىلغان، شۇڭا، ئۇنىڭغا بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
   ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇلتۇر 27 – دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 33 ياشلىق لېئون ۋوك مىچىگان ئىشتاتىنىڭ كومپيۇتېر ئۇستىسى ئىكەن. ئۇ: خوتۇنۇم كلارا 2 – ئېرى بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولۇۋاتىدۇ، دەپ گۇمان قىلغاچقا، كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا تايىنىپ، خوتۇنىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى بىلىۋالغان، خوتۇنىنىڭ ئېلخېتىنى ئوقۇپ، گۇمانىنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ۋوك ئېلخەتتىن كلارانىڭ 2 – ئېرىنىڭ كلارانى دائىم بالىلار ئالدىدا ئۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ۋوك بۇ ئېلخەتلەرنى بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسى، كلارانىڭ تۇنجى ئېرىگە يوللىغان. بالىلارنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى ئىزچىل تالىشىپ كېلىۋاتقان كلارانىڭ تۇنجى ئېرى ۋوكنىڭ ئېلخەتنى ئوغرىلىقچە كۆرۈش ئىشىنى ئاشكارىلىغان.
   خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كلارا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ۋوك دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش