رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 988 قېتىم كۈرۈلدى
پىرىزدېنت ساركوزىي ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -12
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان تورى

 

www.alhux.com

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىي شۇ جاي ۋاقتى 12-ئىيۇل ئافغانىستانغا يېتىپ بېرىپ، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق فرانسىيە ئارمىيىسىنى يوقلىغان،  2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 1000 نەپەر فرانسىيە ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ساركوزىينىڭ پىرىزدېنت بولغاندىن بۇيانقى 3-قېتىم ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىشى ئىكەن. ئۇ 2007-يىلى تۇنجى قېتىم ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغان، 2008-يىلى 8-ئايدا 10 نەپەر فرانسىيە ئەسكىرى تالىبان بىلەن ئۇرۇشقاندا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغان.
ساركوزىي ئافغانىستان پايتەختى كابۇلغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كاپىسا ئۆلكىسىدىكى بىر گازارمىغا دەرھال ئاتلىنىپ، ئۇ يەردىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى يوقلىغان. ساركوزىي ئەسكەرلەرنى يوقلىغاندا، «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش زۆرۈر»، «قوشۇنلار ئافغانىستاندا مەڭگۈ تۇرۇپ قالمايدۇ» دېگەن.
ساركوزىي يەنە:«2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، بىز تۆتتىن بىر قىسىم ئەسكەرنى، تەخمىنەن 1000 نەپەر ئەسكەرنى چېكىندۈرۈپ كېتىمىز»دېگەن.
فرانسىيەنىڭ نۆۋەتتە 4000 نەپەر ئەسكىرى ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كۆپ قىسىمى پايتەخت كابۇلنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى ساروبى رايونى ۋە كاپىسا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا تۇرىۋاتىدۇ.
 

 

www.alhux.com 
 
 
www.alhux.com 
 
 
www.alhux.com 
 
 
www.alhux.com
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش