رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 697 قېتىم كۈرۈلدى
تەسىرلىك مىنۇتلاردىكى ھاياجانلىق ياشلار ، ئۇنتۇلماس 2010-يىل
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :
ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 13–يانۋار ، بىز ئورنىمىزدىن سەھەر تۇرۇپ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قاراپ يولغا چىقتۇق ، گەرچە ‹‹ جۇڭگو تور ئىشلىرى ، تەسىرلىك 2010–يىل ›› تېمىسىدىكى تور شەخىسلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولسىمۇ ، بىراق ئالىمجان بىلەن تېزراق كۆرۈشۈش ئىستىكىمىز بىزنى تېزراق مېڭىشقا ئالدىرىتاتتى . بىز شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يىغىن زالىغا بارغىنىمىزدا مۇناسىۋەتلىك خادىملار چۈشتىن كېيىنكى پائالىيەت ئۈچۈن ئالدىراش تەييارلىقنى باشلىۋەتكەنىدى ، مەن يىغىن زالىنىڭ ئىچىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتۈم ، تور شەخىسلىرى تېخى كەلمىگەنىدى ، پەقەت ئولتۇرۇپ سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاشتىن باشقا ئامال بولمىدى ، بىر ھازادىن كېيىن ، مەيدان ئىچىگە بىر تۈركۈم كىشىلەر كىرىشكە باشلىدى ، مەن دەرھاللا بۇ كىشىلەرنىڭ 2010 -يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخىسلەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم ، تۇيۇقسىز ئىشىكتىن كىرىپ كېلىۋاتقان ئالىمجانغا كۆزۈم چۈشتى ، مەن دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىققان ھالدا ئۇنىڭغا : ‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىمجان ئاكا ، سىزنىڭ ‹‹ جۇڭگو تور ئىشلىرى ، تەسىرلىك 2010 -يىل ›› تېمىسىدىكى تور شەخىسلىرىنى باھالاشتا يۇقىرى شان-شەرەپكە نائىل بولغانلىقىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن قۇتلۇقلايمەن >> دېدىم ۋە ئۆزۈمنى بىر قۇر تونۇشتۇردۇم : ‹‹ مەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى ، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سىزگە تېلېفون بېرىپ ئەھۋالىڭىزنى سورىغان مەن بولىمەن ، سىزنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىش مەقسىتىدە بېيجىڭغا كېلىپ مانا بۈگۈن سىز بىلەن دىدار كۆرۈشۈۋاتىمىز ، سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن ›› . ئۇ دەرھاللا مېنى ئېسىگە ئالدى ۋە مەن بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى : ‹‹ سىلەرنىڭ مېنى ئىزچىل قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت ، مەن سىلەرنىڭ شۇنچە يىراق يولنى بېسىپ ، بۇ يەرگە كېلىپ مېنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ››. مەن دەرھاللا : ‹‹ بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى سىزدىن پەخىرلىنىدۇ ، شىنجاڭ خەلقى سىزنىڭ شان - شەرەپكە ئېرىشكەن ئاشۇ ھاياجانلىق مىنۇتلىرىڭىزنى كۆرۈشكە ، سىزنىڭ خوش خەۋىرىڭىزنى ئاڭلاشقا تولىمۇ خۇشتار ، بىزمۇ بۇ ۋاقىتنىڭ تېزراق كېلىشىگە تولىمۇ ئىنتىزار ›› دېدىم .

   ئۇ ماڭا كۆپ رەھمەت ئېيتىپ تۇرۇشىغا خىزمەتچى خادىملار ئۇنى چاقىردى ، ئۇنىڭ مەن بىلەن ئۇزۇنراق پاراڭلاشقۇسى بولسىمۇ بىراق ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېيتىپ سەل تۇرۇپ كۆرۈشۈشنى ئېيتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى ، مەن چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم .يۈرۈكۈمنى ئىسسىق بىر سېزىم قاپلىغانىدى ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىر قوللىغۇچىسى سۈپىتىدە ئۇنى كۆپ قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئىسمىنى ئاڭلىغان ، ئۆزىنى كۆرگەن بولساممۇ بىراق ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم ، مانا بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن گەرچە قىسقا بولسىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارالىغانلىقىمدىن قەلبىم چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى .مەن ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ پاراڭلىشىشنى ، ئۇنىڭ كىشىلىك دۇنيا قارىشى ، قىممەت قارىشى ، ئادەم بولۇشتىكى ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى بىلىشكە تولىمۇ تەقەززا ئىدىم .

تەسىرلىك مىنۇتلاردىكى ھاياجانلىق ياشلار

 

   ‹‹ جۇڭگونىڭ تور ئىشلىرى ، تەسىرلىك 2010 - يىل ›› تېمىسىدىكى تور شەخىسلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنى 13 - يانۋار چۈشتىن كېيىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يىغىن زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى . پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنى تەسىرلەندۈرگەن ، ئۆزىنىڭ تەسىرلىك ئىش - ئىزلىرى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغان ئالىمجان خالىق بېشىغا دوپپا ، ئۇچىسىغا كانۋاي كۆڭلەك كىيىپ مەيدانغا چىققاندا ، مەيدان ئىچىدە گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى ،ھەممە ئۇنىڭغا ئەڭ ئالىي ئېھتىراملىرىنى بىلدۈرمەكتە ئىدى ، تاماشىبىنلارنىڭ چېھرىدە بىر خىل خۇشاللىق ، مەمنۇنلۇق ، قايىل بولۇش ئالامەتلىرى ئەكس ئەتكەن بولۇپ ، بەزىلەر تېخى ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى . بۇ قۇتلۇقلاشلار ، بۇ كۆز ياشلىرى ئالىمجاننىڭ سەككىز يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى بولغان بىيجيې شەھىرىدە جاپالىق ئىگىلىك يارىتىپ ، خەير-ئېھسان ئىشلىرىنى كۆپلەپ قىلىپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ ، ئۆزىنىڭ ئاددىي ئەمما مەنىلىك بولغان تۇرمۇشى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئۈلگە بولغانلىقىنىڭ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى ياڭرىتىپ ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ ؟ ئۇ مەيداندا يەنىلا شۇنچىلىك ئاددى ، شۇنچىلىك كەمتەر كۆرۈنەتتى بىراق ھاياجان ياشلىرى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا باقمىغان ئاساستا ئىككى مەڭزىدىن سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى ، ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ مۇنداق دېدى : ‹‹ بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم ، بىزدە بىر پاشا بىر شىرنى چېقىپ ئۆلتۈرەلمىگىنى بىلەن ئۇنىڭ بۇرنىغا كىرىۋېلىپ ئۇنى داۋاملىق بىئارام قىلىدۇ دەيدىغان گەپ بار ، مەنمۇ ساۋادسىزلىقنىڭ ، مەكتەپتە ئوقۇمىغاننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ، شۇڭا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى كۆرۈش مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم . >> ئۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن گەپمۇ قىلالماي قالدى ، مەيداندىكى تاماشىبىنلارمۇ تەسىرلەنگەنلىكىدىن ئۈنسىز ياش تۆكتى ، ئارقىدىن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئۇنىڭغا مۇكاپات گۇۋاھنامىسى ۋە لوڭقىسىنى تارقىتىپ بەردى . ئۇ ئوڭ قولىدا لوڭقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ، كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرۈۋاتاتتى ، ئالىمجان بىلەن تيې فېييەننى مۇكاپاتلاپ بولغاندىن كېيىن شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ھەر مىللەتتىن تەشكىللەنگەن ناخشىچىلىرى داۋلاڭنىڭ باشچىلىقىدا ‹‹ بىر ئائىلە كىشىلىرى ›› دېگەن ناخشىنى ئورۇنداپ ، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تېنچ ، خاتىرجەم ، بەخىتلىك ، ئىناق-ئىتتىپاق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈردى ، سەھنىگە ئورۇنلاشتۇرغان چوڭ ئېكراندا شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئالامشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىك جايلىرى ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى .

   تەقدىرلەش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بىز ئالىمجان بىلەن قىسقىغىنە سۆھبەت ئېلىپ بارالىدۇق ، چۈنكى ئالىمجان يىغىندىن يېنىپلا ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى بىيجيېغا قاراپ يولغا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى . ئۇ مۇنداق دېدى : مەن 2007 - يىلى تېلېۋىزوردىن بۈگۈنكىگە ئوخشاش تەقدىرلەش يىغىنىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتكەنىدىم ، ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزۈمنىڭ سەھنىدە تۇرۇپ مۇكاپاتلىنىپ يىغلاپ كېتىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدىم ، ھەقىقەتەن بەك ھاياجانلاندىم ، ھاياجانلانغىنىمدىن ئۆزۈمنىڭ خۇشاللىق يېشىنى توختىتالمىدىم ، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنى قوللىغان ھەر بىر كىشىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .

 

ئالىمجان ناخشىچى داۋلاڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە

   ئارقىدىن ئالىمجان بىر قىسىم ئۆزىنى قوللىغان كىشىلەر ، بۇ يىللىق تور شەخىسلىرى ، شىنجاڭدىن كەلگەن ناخشىچىلار بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى . ناخشىچى داۋلاڭ مۇنداق دېدى : مەن ئالىمجاننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى توردىن ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى ، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلدىم ، مەن ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن ، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ .

 

   بىز سۆھبىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتۇق ، گەرچە بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ مېھر-مۇھەببىتىدىن شۇنداقلا بۈگۈنكى تور شەخىسلىرىنىڭ تەسىرلىك ئىش - ئىزلىرىدىن قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولۇپ ، ئىچ-ئىچىمىزدىن ئۇلارغا مەدھىيە ئوقۇۋاتاتتۇق .

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش