رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 705 قېتىم كۈرۈلدى
11-ئىيۇلدىن باشلاپ شىنجاڭدا35 گرادۇستىن يۇقىرى يۇقىرى تېمپىراتورىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -11
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : news.iyaxin.com

 

www.alhux.com

 

 

ھاۋارايى ئىستانىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا تېمپىراتورا 35 سېلتسىيە گرادۇستىن ئاشىدىكەن. بىر قىسىم جايلاردا ھەتتە 40 سىلتسىيە گرادۇستىن ئېشىپ  كېتىشى مۇمكىنكەن، شۇڭا  ھاۋارايى ئىستانىسى  كۆپچىلىكتىن  يۇقىرى تېمپىراتورىلىق ھاۋارايىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى، كۈتۈلمىگەن ئەھۋالارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييارلىك كۆرۈپ قويۇشنى تەشەببۇس قىلدۇ.
7-ئاينىڭ 8-كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك ھاۋارايى ئىستانىسى  يۇقىرى تېمپىراتورىلىق قىزغۇچ  سېرىق رەڭلىق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان،  پەزەز قىلىنىشىچە 14-ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۇرپان شەھىرى،  توخسۇن ناھىيىسىدە  تېمپىراتورا  40 سېلتسىيە گرادۇستىن  يۇقىرى،  پىچاندا 37 سېلتسىيەدىن يۇقىرى يۇقىرى تېمپىراتورىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.  مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە يېقىن بولغان سانجى رايونىمۇ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى يۇقىرى تېمپىراتورىلىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، 13-ئىيۇلغىچە، سانجى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى جايلاردا 35 سېلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى يۇقىرى تېمپىراتورىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، 13-ئىيۇلدىن كېيىن بىر قىسىم جايلارنىڭ تېمپىراتورىسى 40 سېلتسىيە گرادۇسقا يېتىدىكەن.
 يۇقىرى تېمپىراتورىلىق ھاۋارايى پات ئارىدا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا بۆسۈپ كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا، شۇڭا كۆپچىلىك يۇقىرى تېمپىراتورىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى  ئىشلەپ ، بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلشى كېرەك.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش