نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 537 قېتىم كۈرۈلدى
توكلۇق ئۇرۇندۇق ياساپ ئايالىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئەر

 

www.alhux.com 
 
 

ئېلېكترىك ئورۇندۇقنىڭ گېپى چىقسا، سىزمۇ بەلكىم كىنولاردىكى تۈرمىدىكى قورقۇنۇچلۇق ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 7-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 60 ياشتىن ئاشقان بىر ئەنگلىيەلىك بوۋاي مومىيى بىلەن ھېسيات جەھەتتىن كېلىشەلمەي، ئۆز ئۆيىنىڭ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىدا بىر دانە ئېلېكترىك ئورۇندۇق ياساپ چىقىپ، مومىيىنى ئۆلتۈرۋەتكەمچى بولغان. 58eئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
61 ياشلىق ئەنگلىيەلىك بوۋاي ئاندىروۋ كاستىل توي قىلغىلى 18 يىل بولغان ئايالى ماگرىت بىلەن دېبىيشېردىكى چېستىرفېلدا تۇرىدۇ، بۇ دائىم سىرتقا چىقىپ ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر-خوتۇننى قوشنىلىرى ئىنتايىن ئىناق ئۆتىدۇ دەپ قارايتتى. بىراق، 2010-يىلى كۈزدە، ماگرىت ئېرىنىڭ «زورلۇق ۋە ئۆز بېشىملىچىلىق» قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككىيلەن ئۆيىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھۇجۇرىسىدا تۇرغان. 58eئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
3-ئاينىڭ 5-كۈنى، كاستىل ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىدا ئۆتكۈزگۈچ سىمنى بىر دانە مېتالغا تۇتشتۇرۇپ ئورۇندۇققا يۆلەپ توك مەنبەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئايالىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا «ئاجرىشىش ئىشىنى مەسلىھەتلىشىش» نى ئېيتقان. ماگرىت ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشى بىلەنلا 230V يۇقىرى بېسىم ئۇنى قاڭقىتىپ چىقىرۋەتكەن، كاستىل بۇ چاغدا ئۇنى كالتەك بىلەن كۈچەپ ئۇرماقچى بولغان. ماگرىت كاستىلنىڭ تايىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئىشكنى بۇزۇپ يۇقىرى ئاۋازا قۇتقۇزۇڭلا دەپ ۋارقىرىغان. بۇ ۋاقىتتا ساقچىلار يېتىپ كېلىپ ھويلىدا بەدىنى قان بولۇپ كەتكەن كاستىلنى قولغا ئالغان، ئۇ چايدو بىلەن ئۆزىنى يارىلاندۇرغان بولۇپ، توختىماي «مەن نىمە قىلىپ قويدۇ» دەپ سۆزلىگەن. 58eئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ماگرىت يىنىك يارلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، كاستىلنى پىرىستون جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. كاستىل ئۆزىنىڭ بۇزۇلغان نىكاھ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز ئايالىنى توك سوقۇپ ئۆلتۈرۈش چارىسىنى ئويلاپ تاپقان. روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسۈتۈلىشىچە، كاستىل ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە ۋە ماسلىشىشى توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. بىراق باش سوتچى ئانتونىي رۇسسېلنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر قېتىملىق قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاش ئىكەن. 58eئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
قوشنىلار بەستە-بەستە بۇ ئىشقا نىسبەتەن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن، ئۇلار كاستىل ئەر-خوتۇنغا ئىنتايىن ھېسداشلىق قىلغان، كاستىلنىڭ قىلىمىشىغا تەسلىكتە ئىشەنگەن. نۆۋەتتە ماگرىت تۇغقانلىرىنىڭكىدە تۇرىۋېتىپتۇ، ئۇ بۇ ئازابنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتىشكە ئامالسىزلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «18 يىلدىن بۇيان ئۇ بارغانچە ھاكاۋۇر زومىگەرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئاخىرى ئاجرىشىشنى قارار قىلغان، بۇ قارارنىڭ بۇنداق يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مېنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشىنى

 

مەنبەسى : ئىزباسارتورى
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -10 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776