رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 1077 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگونىڭ يەرلىك قەرزى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -10
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان تورى

يېڭى ئاستانە گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھەپتە جۇڭگو تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى تەپتىش قىلىش خۇلاسىسىنى ئېلان قىلغان. نەتىجىدىن كۆرسىتىلىشىچە، 201--يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن جۇڭگودىكى يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى   10 تىرىلىئونغا يەتكەن. ياۋروپا مالىيە قىزىم رەقەم كىرزىسى يەر شارىنىڭ نېرۋىسىنى ئۆرلىتىۋاتقاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدۇ دەپ قارالغان جۇڭگودىمۇ ھۆكۈمەت قەرزى كۆرۈلۈش مەسىلىسى تەبىئىي ھالدا خەلقئارا ئاخباراتلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتقان.
جۇڭگو دۆلەتلىك سىتاتستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 10 تىرىلىئون جۇڭگونىڭ 2010-يىللىق GDP سنىڭ %27 توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ كىچىك سان ئەمەس. 2011-يىلى 6-ئايدا، جۇڭگو دۆلەت مەھكىمىسى دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ خەتىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىشنى تەلەپ قىلغان، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساس قىلىپ، قەرز قايتۇرۇش ۋە قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ كېينكى مەبلىغى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ھۆكۈمەت بەلگىلىمىگە خىلاپ كېپىللىك قىلىش قىلمىشىنى قەتئىي چەكلەپ، بىرلا ۋاقىتتا قېلىپلاشتۇرۇلغان يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز ئېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىشنى تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەمما ئىقتىسادشۇناسلار ئەندىشە قىلىپ، ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىسا، بانكا سىستېمىسى ئىچىدە بىر قاتار قەرز ئەھدىنامىسىنى بۇزۇش ۋە قەرزنى كەينىگە سۆرەش قىلمىشى كېلىپ چىقىپ، بانكا سىستېمىسىغا زىيان سېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەر سېتىشتىن قىلغان كىرىمى ئازلىغانلىقتىن، يەرلىك مالىيەگە كىرزىس ئېلىپ كېلىدىكەن. چۈنكى يەر سېتىش كىرىمى يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيەسىنىڭ مەنبەسى.
 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش