نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 253 قېتىم كۈرۈلدى
جەنۇبىي سۇدان بۈگۈن رەسىمىي مۇستەقىل بولدى

 

www.alhux.com 
 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي سۇدان شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 0 دە (ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت  3 دە) رەسىمىي مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى دۆلەت بولۇپ قالدى. تەخمىنەن 30 دۆلەتنىڭ رەھبىرى جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۇدان ھۆكۈمىتى جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنى رەسىمىي ئېتراپ قىلدى، سۇدان پىرىزدېنتى بەشىرمۇ جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. يېڭى قۇرۇلغان بۇ دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قارار ماقۇللاپ، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ب د ت نىڭ جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمەك تەسىس قىلدى. قاراردا دېيىلىشىچە، جەنۇبىي سۇدانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلىدىغان ئۆمەك 7000 نەپەر ھەربىي خادىم ۋە 900 نەپەر مۈلكىي ساقچى خادىم بولۇپ، ۋەزىپە مۇددىتى بىر يىل ئىكەن ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇزارتىدىكەن.
 
 
www.alhux.com 
 
جەنۇبىي سۇدان قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەت بولۇپ قالدى. جەنۇبىي سۇدان ب د ت ئېتراپ قىلغان 193-دۆلەت.
مۇستەقىللىق كېچىسى، جەنۇبىي سۇدان يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىنچە بىر تەرەپكە قويۇپ قويغان. پايتەخت جۇبا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن. كىشىلەر كوچىلاردا جەنۇبىي سۇدان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىشتى.سۇدان جەنۇبىي سۇداننى رەسىمىي ئېتراپ قىلغان بىرىنچى دۆلەت. بۇ ھەپتىنىڭ بېىشىدا، سۇدان پىرىزدېنتى بەشىر جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
سۇدان 50 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن ئۆتكۈزدى، 2 مىليون ئادەم جەنۇب شىمال توقۇنۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئاساسىي ئەسلىھەسى ئاجىز، مەبلەغ ساھەسى تار، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى چەكلىك بولغانلىقتىن، جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
 
 
www.alhux.com
 
 
 
www.alhux.com

 

 

 

www.alhux.com 
 
 
www.alhux.com

 

 

 

مەنبەسى : ئوكيان تورى
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -10 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776