رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 659 قېتىم كۈرۈلدى
‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ تىراژىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

 

جۇ لىپىڭ خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا گېزىت – ژۇرنال تارقىتىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 18 – يانۋارغىچە، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ 2011 – يىللىق تىراژىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، ئالتە يىل ئۇدا ئاشقان، بۇ يىللىق تىراژى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئاشقان.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، قوللىشىدا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرى 2011 – يىللىق ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› قاتارلىق نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى – ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، كۆرسەتكۈچنى مىقدارلاشتۇرۇپ، تارقىتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    بۇ يىل ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› قاتارلىق نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى – ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى توپلاش، تارقىتىش خىزمىتىدە پارتىيە گېزىتىنى تارقىتىشنىڭ ‹‹پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيە تۇتۇش›› ئالاھىدىلىكى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى ۋە كۈچەيتىلدى. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق گېزىت – ژۇرناللارنى تارقىتىش خىزمىتىنى بىۋاسىتە تۇتتى، بەزى جايلار ‹‹مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش›› قاتارلىق كاپالەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداش 2011 – يىللىق پارتىيە گېزىتى – ژۇرناللىرىنى تارقىتىشتىكى روشەن ئالاھىدىلىك. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر(رايون)، ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى، پوچتا ئىدارىلىرى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە گېزىتلىرىگە قىسقا مۇددەتلىك مۇشتەرى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەر خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى قاتارلىق باشلامچى تارماقلارمۇ كۆرسەتكۈچنى بالدۇر ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مۇشتەرى توپلاش، تارقىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىمۇ ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە مۇشتەرى بولۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

    مۇشتەرى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومى رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر كەسپىي خادىملارنى باشلاپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىپ، گېزىتگە مۇشتەرى بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، گېزىت – ژۇرناللارغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش