رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 644 قېتىم كۈرۈلدى
نارات سەيلىگاھى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى شەرىپىگە ئېرىشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

 

 

14–يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ، مەملىكەت بويىچە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا نام بېرىش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى . يىغىندا ، دۆلەتلىكساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى نارات سەيلىگاھىغا دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەلگە تاختىسى ۋە گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەردى . بۇ نارات سەيلىگاھىنىڭ رەسمىي ھالدا دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن 4–مەنزىرە رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

   ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چى چۇڭچىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : نارات سەيلىگاھى قاناس ، بوغدا كۆلى ، تۇرپان بۇيلۇقتىن قالسىلا بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . كېيىنكى بەش يىلدا ، شىنجاڭ يەنە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سانىنى 10 غا ، كېيىنكى 10 يىلدا 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سانى 20 گە يەتكۈزىدۇ .  ھازىر ، كۆكتوقاي ، قۇمتاغ قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارلىق كۆرىۋاتىمىز .

   ئىگىلىنىشچە ، ھازىرغىچە ، مەملىكەت بويىچە دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى شەرىپىگە ئېرىشكەن سەيلىگاھلاردىن 95 ى بار ئىكەن .

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش