رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1235 قېتىم كۈرۈلدى
خوشۇت-كورلا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -07
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.wlmqwb.com

 

www.alhux.com 
 
2011-يىلى7-ئاينىڭ4-كۈنى،شىنجاڭ خوشۇت-كورلا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ كورلا ھەق يىغىش بونكىتىدىن ئۈرۈمچى يولىنىشگە 3 كېلومېتىرلىق جايدا ئىككى ماشىنا ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ 3 ئادەم قازا قىلىپ،4ئادەم يارلانغان.
4-ئىيۇل سائەت 5تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە،بايۇنغۇلىن ئوبلاستلىق ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش تارماق ئەترىتى جىددى ئەھۋال ئوتتۇرا ئەترىتى 119 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ،خوشۇت-كورلا يۇقىرى سۈرئەتلىك ھەق يىغىش بونكىتىدىن ئۈرۈمچى يولىنىشگە 3 كېلومېتىرلىق جايدا ئىككى ماشىنا ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ ،ماشىنا .ئىچىدىكى 7 ئادەم قاپسىلىپ قالغانلىقىنى،ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن جددىي ئىكەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جىددى ئەھۋال ئوتتۇرا ئەترىتى 10ئادەم ئىككى ماشىنا بىلەن دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان.
سائەت6 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە،ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ۋەقە ئەھۋالى ۋە قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.ۋەقەدە بىر مىنۇبۇس بىلەن چوڭ يۈك ماشىنىسى سوقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ،مىنۇبۇسنىڭ ئالدى قىسمى ئېغىر دەرىجىدە شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن،ماشىنىدا جەمىئىي 7 ئادەم بولۇپ،3 ئادەم قازا قىلىپ 4 ئادەم يارلانغان.
 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش