نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 439 قېتىم كۈرۈلدى
كونگودا بىر ئايدا 428 قېتىم باسقۇنچىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى

 

www.alhux.com 
 
 
 

خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كونگو ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندا ئاشكارىلاپ، ئالدىنقى ئايدا كونگونىڭ شەرقىي  قىسمىدىكى جەنۇبىي سۇد-كىۋۇدا جەمئىي 248 قېتىم باسقۇنچىلىق دېلوسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. دېلو سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھەربىيلەر ئىكەن. يەرلىك بىر قىسىم دوختۇر، سىستىرالارنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا  بايان قىلىشىچە،  6- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچتە، جەنۇبىي سۇد-كىۋۇ ئۆلكىسىدە يۈزدىن ئارتۇق  باسقۇنچىلىق دېلوسى يۈز بەرگەن.  ئۇنىڭ  ئىچىدە ئابالا كەنتىدىكى 55  قىز- ئايال  ئېچىنىشلىق ھالدا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
 كاڭگۇلىدا 72  قىز بالا زورلۇق  بىلەن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
6- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە،  ناكىلا كەنتىدە 121 ئايال باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان. لوسېما كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى ئىنگوما فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئاشكارىلاپ،  باسقۇنچىلىق دېلوسى يۈز بەرگەن كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 150 قوراللىق ئەسكەركەنتكە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:«ئۇلار سائەت 11 دا يېتىپ كەلدى، ئوفىتسىرلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يىمەكلىك ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. كەچ سائەت سەككىز بولغاندا، كەنتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئاياللارنىڭ يىغلىغان، ۋارقىرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. مەن ئۇلارنىڭ ئوفىتسىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلسام ئۇلار قوشۇلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشلەر ئەتراپىدا، ئۇلار كەنتتىن ئايرىلدى. ئاياللارنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىشتى.
 ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن،  كونگو ھۆكۈمىتى باياناتچىسى مەندې مۇنۇلارنى بىلدۈردى:  ئۇ ئەسكەرلەر بۇيرۇققا بىنائەن 6-ئاينىڭ 8- كۈنى سەپتىن قاچقان ئەسكەرلەرنى ئىزدەپ چىققان، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپ  كىچىك گورۇپپا تەشكىللەپ  بۇ ئىشنى تەكشۈرمەكچى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنلىقى مۇخبىرى مۇنۇلارنى  بىلدۈردى: كونگودا باسقۇنچىلىق  ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى ئىنتايىن ئېغىر، ب د ت تەرىپىدىن « باسقۇنچىلىق دۆلىتى»دەپ ئاتالغان.  بەزى  كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كونگودا ھەربىيلەر باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەندىن كېيىنمۇ قانۇننىڭ سىرتىدا يۈرۈيدىكەن.

 

 

مەنبەسى : gb.cri.cn
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -06 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776