رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 709 قېتىم كۈرۈلدى
توردا «ئوباما ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن يالغان خەۋەر تارقىتىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -05
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

 

www.alhux.com 
 
جۇڭگو ئاخبارات تورى 5-ئىيۇل تېلگېراممىسى شياڭگاڭ «ۋېنخۇي گېزىتى» نىڭ 5-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فوكېس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئورگان مىكرو بلوگى twitter غا 4-ئىيۇن خايكېر ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى قوراللىق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى دېگەن «تۇيۇقسىز خەۋەرنى» تارقىتىۋەتكەن، تورداشلار بۇنى بەس-بەستە كۆچۈرۈپ بېسىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەققىلىق كۈنىدە كىچىككىنە بىر مەيدان پاراكەنچىلىك پەيدا بولغان.
بۇ مىكرو بلوگ شۇ جاي ۋاقتى 4-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 2 دىن باشلاپ جەمئىي 6 دانە قالدۇرۇپ قويۇلغان سۆز پەيدا بولۇشقا باشلىغان، قالدۇرۇلغان سۆزدە ئىنتايىن ئىشەنچىلىك قىلىپ ئوبامانىڭ لوۋا شىتاتىدا بېلەت تاشلىغۇچىلارنى ئۆزىگە مايىل قىلماقچى بولىۋاتقاندا داس سۆڭىكى ۋە بويۇن قىسمىغا ئىككى پاي ئوق تېگىپ، قان كۆپ چىقىپ كېتىپ ئۆلگەن، دېيىلگەن. بىراق خايكېرلانىڭ twitter غا بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئۈچ دانە ئۇچۇرنى پەقەت ئوبامانىڭ twitter دىكى بلوگىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تورداشلار كۆرەلەيدىكەن. «ئېقىپ يۈرگەن ماتېرىيال» بىر « سىنارىست» نامىدىكى بلوگدىن تارقىتىلغان بولۇپ، ئاشكارلىنىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۆچۈرۋېتىلگەن، فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورداشلاردىن ئەپۇ سورىغان.
فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇتەئەسسىپ ئۇسلۇبى ئامېرىكىدا ئانچە قارشى ئېلىنمايدۇ، بۇ مىكرو بلوگ 34 مىڭ ئادەمنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان، بىراق ھازىرچە بۇنىڭ خايكېرنىڭ ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتەلمىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، خايكېرلىق تەشكىلاتى «بىخەتەرلىككە قارشى» ئالدىنقى كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ مۇلازىمىتېرىدىن ئاز مىقداردىكى ئابونتلار ماتېرىياللىرىنى ئوغۇرلىۋالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى Pastebin ھۆججەت ھەمبەھىر تورىغا يوللايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئالما مۇلازىمىتېرىنىڭ ئۇلىنىشى، 27 ئابونتنىڭ مەخپى نومۇر قاتارلىق تىزىملىكى بارلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ماتېرىياللار توردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېپىلغان ئىكەن. خايكېرلار twitter دا بايانات ئېلان قىلىپ، يۇمشاق دىتالدىكى بىخەتەرلىك يوچۇقى ئارقىلىق ئالمىنىڭ سېستىمىسىغا كىرگەنلىكىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقا جايلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش