رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 635 قېتىم كۈرۈلدى
قازافى ناتو ئەگەر ھۇجۇمنى توختاتمىسا ياۋروپاغا ھۇجۇم قوزغايمەن دەپ تەھدىت سالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -03
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com 
 
 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-ئىيۇل خەۋىرى: لىۋىيە رەھبىرى قازافى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تەھدىت سېلىپ، ئەگەر ش ئا ئە ت قوشۇنلىرى لىۋىيەگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى توختاتمىسا، لىۋىيەنىڭ ياۋروپاغا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لىۋىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازافى شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە پايتەخت تىرىپولىغا يىغىلغان زور بىر تۈركۈم قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلىپ، ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشنى دەرھال توختىتىشىنى دەۋەت قىلغان، بولمىسا لىۋىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ياۋروپاغا «ھەرىدەك ھۇجۇم» قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى قازافىنىڭ سۆزىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. قازافى سۆز قىلىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، تىرىپولىدىن ش ئا ئە ت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھۇجۇم قىلغان قاتتىق پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

 

 

www.alhux.com 
 
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قازافى سۆز قىلىش بىلەن بىرگە، تىرىپولىدىكى يېشىل مەيداندا قازافىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ نامايىش ئۆتكۈزگەن، لىۋىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېيىشىچە، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ھەمدە قازافىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
يېقىندا تىرىپولىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا ئىلگىرلەپ كەلگەن توپىلاڭچى قوشۇن 1-ئىيۇل قازافى ئارمىيىسىنىڭ كاتيۇشا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ھەمدە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، غەرب دۆلەتلىرى ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۆلچەرلەپ، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى قازافى ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ناھايىتى تېزلا پارچىلاپ تىرىپولىنى ئالىدۇ ھەمدە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ دېگەن ئىدى.
 
 
www.alhux.com 
 
 
 
مەنبە:www.okyan.com
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش