رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 709 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگو ئاۋىئاماتكىسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە تەيۋەنگە تەھدىت سالالمايدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2008-07 -03
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com 
 
يەر شارى تورىنىڭ 2-ئىيۇل خەۋىرى: ئامېرىكا «ھەربىي ئاۋىئاتسىيە» تورىنىڭ 1-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېليام پېرري 6-ئاينىڭ 30-كۈنى دېيىشىچە، جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى ئاۋىئاماتكىسى «ۋارياگ» ناملىق يېقىنقى مەزگىلدە تەيۋەنگە تەھدىت پەيدا قىلالمايدىكەن، چۈنكى بارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل كېتىدىكەن.
1994-1997-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان ۋېليام پېرري:«بىر دانە ئاۋىئاماتكا بولىشى مۇھىم ئەمەس، چۈنكى چوقۇم بىر ئاۋىئاماتكا جەڭگىۋار توپىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىشى كېرەك، 1996-يىلى تەيۋەن بوغۇزى كىرزىسى يۈز بەرگەندە، بىزنىڭ ئەۋەتكىنىمىز ئىككى دانە ئاۋىئاماتكىلا بولۇپ قالماي بەلكى ئاۋىئاماتكا جەڭگىۋار توپى ئەۋەتتۇق. ئاۋىئاماتكا جەڭگىۋار توپىدا چوقۇم باشقا نۇرغۇن ئۇرۇش پاراخوتلىرى، سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلان بولىشى كېرەك، ئەڭ مۇھىم بولغىنى يىلمۇ يىل مەشىق قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك» دېگەن.
ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە، تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپىدىن ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەك ئىكەن.
 
 
مەنبە:ئوكيان تورى
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش