رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 645 قېتىم كۈرۈلدى
مايكېل جېكسوننىڭ يەنە بىر ئايالى پەيدا بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -20
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :



چولپان مايكېل جېكسوننىڭ ئۆلۈم دېلوسى تېخى سوتلانماي تۇرۇپلا، تۇيۇقسىز يەنە بىر «ئېرىنى تونۇش دېلوسى» پەيدا بولدى.
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىنتايىن پۇلدار بىر ئايال ئۆزىنى جېكسوننىڭ ئايالى، دەپ تۇرىۋالغان ھەمدە 300 بەتلىك ماتېرىيال ئارقىلىق سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان.
بۇ ئايالنىڭ ئىسمى نونا بولۇپ، ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىگە 300 بەتلىك قانۇنىي ھۆججەتنى كۆرسىتىپ، مۇشۇ ئارقىلىق جېكسوننىڭ قانۇنلىق ئايالى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. نونا ھۆجەتتە تۇغۇلغاندىلا جېكسونغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، نىكاھلىنىشىغا ئىسرائىلىيەنىڭ «ئادەتتىكى نىكاھ قانۇنى» دومىنىكا، نىگېرىيە «ئادەت نىكاھ قانۇنى»، «گائاگا قانۇن ئەھدىنامىسى» يول قويىدىغانلىقىنى ئالغا سۈرگەن. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قوشۇمچە ماتېرىيال بار بولۇپ، ئۇنىڭدا جېكسون بىلەن نونانىڭ كېيىنكى كۈنلەردە غايەت كۆپ بايلىقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان. نونا يەنە ھۆجەتتە جېكسوندىن تاپقان بالىسىمۇ بارلىقىنى ئېيتقان: «نۇرغۇن ئائىلە ئەزالىرىم بار، ھەر يىلى 26-، 27-دېكابىر تۇغۇلغان كۈنىمىزنى بىللە ئۆتكۈزىمىز» دېگەن.
نونانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2006-، 2007-يىللىرى بۇ ھۆججەتلەرنى ئاخىرەتتىكى جېكسونغا ئەۋەتىپ بەرگەن، بىراق ئىككىلا قېتىم قايتۇرۋېتىلگەن. ئۇ ئۆزىنى جېكسوننىڭ ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ھەقىقىي ئانىسى، بولىمەن، دېگەن. نونا يەنە ھۆججەتتە غەلىتە بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى ئۇ جېكسوننى قەبرىسىدىن ئاچىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس قەبرە قاتۇرماقچى بولغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
كىيىنكىسى:روسچە چىننۇرى

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش