رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 857 قېتىم كۈرۈلدى
كۇچادا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇرسۇل رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -02
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :
«مەن مەكتەپتە رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشتىم، مەن ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ھەمدە ئەسەرلىرىمنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلايمەن»، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۇچا ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇرسۇل ئابلىكىم تېلېفۇندا مۇخبىرغا شۇنداق دىگەن.
ئابدۇرسۇل بولسا كۇچا ناھىيەلىك تۆتىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى، كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشكە بەكلا ئامراق، ئۇ كۆپ يىللىق تىرىشىپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق، كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايۇن، مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
بۇ مەكتەپنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇرېھىم مۇنداق دىگەن:« ئابدۇرسۇلدا رەسىم سىزىش تالانتى بار، ئۇ 5 يېشىدىن باشلاپ رەسىم سىزغان، 12 ياشقا كىرگەندە داڭقى چىقىشقا باشلىغان، ھازىر ئۇ مەندىن سېستىمىلىق ھالدا رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، ئۇ ئائىلىسىنىڭ شارائىتى ئۇنچىلىك ياخشى ئەمەس، لىكىن ئۇ يەنىلا ناھايىتى تىرىشچانلىق بىلەن رەسىم سىزىشنى مەشىق قىلىدۇ، ئۇ بەزىدە بىر پارچە رەسىمنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن، كېچە سائەت 2-3 لەرگىچە ئۇخلىمايدۇ».
ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى ۋە كۇچانىڭ يېقىنقى يىلاردىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرى بولغاچقا، مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق ھارپىسىدا ئۇنىڭغا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، پارتىيەگە سوۋغا قىلىشنى، ھەمدە ئۇنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بەرمەكچى بولغان. مەمەتتۇرسۇننىڭ دىيىشىچە، بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىگە 2000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل كەتكەن، بۇنىڭ بىر قىسىمىنى مەكتەپ چىقارغاندىن باشقا، يەنە بىر قىسىمىنى ئۆزى ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن مۇكاپات پۇللىرىدىن چىقارغان.
ئابدۇرسۇل مۇخبىرغا مۇنداق دىگەن، بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسى مىنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى رەسىم كۆرگەزمىسى، بۇنىڭدىن كىيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، ئاپتونوم رايۇن، ھەتتە مەملىكەت دائىرىسىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىمەن.

 

مەنبە:news.iyaxin.com

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش