رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 863 قېتىم كۈرۈلدى
كورلىلىق ئايال بۇرۇت چۈشۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇپ ئېغىز ئەتراپى تېرىسى كۆيۈپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -01
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

كورلىلىق بىر قىزچاق ئېغىزىنىڭ ئەتراپىغا قۇيۇق بۇرۇتلار چىقىپ كەتكەنلىكتىن، بۇرۇت چۈشۈرۈش ئوپراتسىيىسى  قىلدۇرغان، ئوپراتسىيە جەريانىدا تېمپىراتورا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكتىن ،ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىسى كۆيۈپ كەتكەن.
يېقندا، كورلا شەھىرى  ئىتتىپاق رايونىدا تۇرۇشلۇق چېن خانىم  ماسكا تاقاپ شەھەرلىك سودا-سانائەت  باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كېلىپ ئەرز سۇنغان. چېن خانىم  ماسكىنى ئېلىۋېتىپ، ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى كۆيۈپ  تېرىسىنى قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىغا كۆرسەتكەن.
چېن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بىر ئاي ئىلگىرى، 1800 يۈەن تۆلەپ، كورلار شەھىرى ئىتتىپاق يولىدىكى بىر ھۆسۈن تۈزەش ئورنىدا تۈك چۈشۈرۈش ئوپراتسىيسى قىلدۇرغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ھۆسۈن تۈزەش  خادىمى  ئوپراتسىيە جەريانىدا تېمپىراتورىنى بەك يۇقىرى قىلىۋەتكەنلىكتىن ، ئوپراتسىيىدىن كېيىن چېن خانىمنىڭ ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى تۈكلەر ۋە تېرىسى قوشۇلۇپ كۆيۈپ  كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن چېن خانىم ھۆسۈن تۈزەش ئورنىدىن دوختۇرخانا خىراجىتى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، يارا ئىزى قالىدىغان ئەھۋالغا مەسئول بولىشىنى  تەلەپ قىلغان، لېكىن ھۆسۈن تۈزەش ئورنى ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، پەقەت داۋالىنىش خىراجىتى بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن داۋالاشتىن كېيىنكى ئەھۋاللارغا مەسئول بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق چن حانىمنىڭ 1800  يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇشتىن باشقا، ئۇنىڭعا 1000 يۉۉەن داۋالىنىش پۇلى بېرىشكە  بويرۇلغان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش