رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 568 قېتىم كۈرۈلدى
فىرانسىيە بىرىنچى خانىمنىڭ مەخپى نەرسىلىرى ئوغۇرلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -20
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :


 

 


چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى Carla Bruni نىڭ خۇسۇسىي ياردەمچىسىنىڭ پارىژدىكى تۇرالغۇسىغا ئوغرى كىرگەن بولۇپ، ئوغۇرلانغان نەرسىلەر ئىچىدە خاتىرە كومپىيۇتىر، ھۆججەت قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرىنچى خانىم بىلەن زۇڭتۇڭ ساركوزىيغا مۇناسىۋەتلىك نازۇك ئۇچۇرلارمۇ بولۇشى مومكىن ئىكەن.
ساقچى تەرەپ، ساركوزىي زۇڭتۇڭ ۋە بىرىنچى خانىمنىڭ سەپەر پىلانلىرى ئوغىرىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مومكىن ، دەپ ئەنسىرىمەكتە ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھازىر ئوغىرىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئۇچۇرلار تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن، لىكىن زۇڭتۇڭنىڭ كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نازۇك بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى ئاشكارلىنىپ كەتكەن بولۇشى مومكىن ئىكەن.
تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن، فىرانسىيە تەرەپ زۇڭتۇڭنىڭ خانىمىغا بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
نەرسىلىرى ئوغۇرلانغان ئايال زۇڭتۇڭ خانىمىنىڭ بىر خۇسۇسىي ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسىمى سىرتقا ئاشكارلانمىغان.
بۇ ئاينىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭلۇقىنىڭ ئايال نامزاتى Segovia Lena Royal  نىڭ ئۆيىگە تۆت يىلدىن بۇيان ئۈچىنچى قېتىم ئوغىرى كىرگەن، 57 ياشقا كىرگەن سوتسىئالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، بۇ ئوغۇرلۇقلار بىر خىل يوشۇرۇن تېرورلۇق ھەرىكىتى، دىگەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش