رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1096 قېتىم كۈرۈلدى
چۈشتە ئۇخلىغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -27
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com

 

1. تاماقتىن كېيىن دەرھال ئۇخلاش.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن چوڭ مېڭىدىكى قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارى كېمىيىپ، قان بېسىم تۆۋەنلەپ، ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلەش ئازلايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇخلىغاندا قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، سەكتە كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

2. ئويغىنىپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇش

ئەمدىلا ئۇخلىغاندا، يۈرەك سوقۇش ئاستا، بەدەننىڭ قان بىلەن تەمىنلىشى ئاز بولۇپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلىرى نىسبەتەن قىسقىرىغان بولىدۇ. ئەگەر دەرھاللا ئورنىدىن تۇرغاندا، قان-تومۇر تېزلىكتەكېڭىيىپ، چوڭ مېڭە كۈچلۈك غىدىقلىنىپ، ئاسانلا مېڭە قاناش يۈز بېرىدۇ.

3. ئولتۇرۇپ ئۇخلاش

نۇرغۇن ياشانغان كىشى ئورۇندۇقتا ياكى سافادا ئولتۇرۇپ چۈشلۈك ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن. ياشانغانلارنىڭ يۈرەك مۇسكۇلى بىر ئاز ناچار بولغاچقا، ئولتۇرۇپ ئۇخلىسا، يۈرەك رىتىمى نىسبەتەن ئاستىلاپ، قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. چۈشلۈك ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىش

ئادەتتە ياشانغانلارنىڭ يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇخلاش ۋاقتىمۇ نىسبەتەن قىسقىرايدۇ. ئۇخلاش ۋاقتى 40-60 مىنۇت بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

5. ھەددىدىن زىيادە سالقىن يەردە ئۇخلاش

نۇرغۇن ياشانغانلار كارىدور، بالكون، ئۆي سىرتى دېگەندەك سالقىن جايلاردا چۈشلۈك ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا سوغۇق تېگىپ، زۇكام، مۈرە ئەتىراپى ياللۇغى، بەل-پۇت كېسەللىكلىرى، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

6. 70 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ چۈشتە ئۇخلىشى

بۇ ياشتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئارتېرىيە قېتىشىش بولىدۇ. ھالبۇكى، تاماقتىن كېيىن قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، قاننىڭ ئېقىشى ئاستابولغانلىقتىن، سەكتە كېلىپ چىقىدۇ.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش