رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 627 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈرۈمچىدە 286 كىلوگرام زەھەر كۆيدۈرۈلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -26
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ سېمونت پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىدە، ساقچىلار يۇقىرى تېمپىراتورىلىق پارچىلاش ئوچىقىدا زەھەر كۆيدۈرمەكتە.
شۇ كۈنى، كۆيدۈرۈلگەن زەھەر تۈرى جەمئىي 5 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، خىروئىن 31.88 كىلوگرام، كەندىر 212.063 كىلوگرام، خلورامىى كىسانتون 29.37 كىلوگرام، توڭلىتىلغان زەھەر ۋە توڭلىتىلغان زەھەر ياپراقچىسى 13.21 كىلوگران، توڭلىتىلغان زەھەر سۇيۇقلىقى 2.5 لىتىر.
6-ئاينىڭ 24-كۈنى،سائەت 11دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زەھەرنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭ تەڭرىتاغ سېمونت پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىگە ئېلىپ بېرىپ كۆيدۈرۈش ئېلىپ باردى.
نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، كۆيدۈرۈش خۇمدىنى ئىچىنىڭ تېمپىراتورىسى 1000 سېلىتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ، كۆيدۈرۈلۈپ بولۇنغان زەھەر تۇرۇبا يولىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ توزان سۈمۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كېرەكسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇلىدىكەن.
ئېنىقلىنىشىچە، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى « 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش» قاتارلىق ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، زەھەر چەككۈچىلەرنى يىغىۋېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 924 قېتىملىق زەھەر دېلوسىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، 1022 نەپەر گۇماندارنى قولغا ئېلىپ، ھەرخىل تۈردىكى 530 كىلوگرام زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن. 2704 نەپەر زەھەرگە ئېغىر دەرىجىدە خۇمار بولغۇچىغا قارىتا زەھەر تاشلىتىش خىزمىتى ئېلىپ بارغان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش