رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 534 قېتىم كۈرۈلدى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى چېگرا ھالقىغان كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 5 – يانۋار تېلېگراممىسى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى(IMF) 5 – يانۋار ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: چېگرا ھالقىغان كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى كۈندىن كۈنگە زورىيىۋاتىدۇ، بۇ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، IMF بۇ ساھەنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىدۇ.
    دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشى نۇرغۇن دۆلەت، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىدە خەلقئارالىق سودىنى يېتەكلەۋاتىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار خەلقئارالىق سودىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىماقتا. بۇ خەلقئارالىق پۇل سىستېمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى فۇنكسىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي.
 
    IMFنىڭ دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: چېگرا ھالقىغان كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشى دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى مۇرەككەپ ئۆزئارا بېقىنىش ۋە سىياسەتنىڭ تاشقى تەسىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىراق دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرىدىغان بىرلىككە كەلگەن بەلگىلىمە يوق.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش