نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 205 قېتىم كۈرۈلدى
كۇۋەيت تەرەپ دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن 30 نەپەر ئىراق ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى قېزىپ چىقتى

 

www.alhux.com 
 
شىنخۇا تورىنىڭ 7-ئىيۇن خەۋىرى، كۇۋەيت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كۇۋەيت ئىچكى ئىچكى سىياسىي ئىشلارنى تەكشۈرۈش ئورنى 6-ئىيۇن كۇۋەيتنىڭ شىمالىدىكى بىر قەبرىدىن دېڭىزقولتۇقى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن 30 نەپەر ئىراق ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. ئىلگىرىمۇ بۇ ئورۇن بىر قەبرە ئىچىدىن 8 نەپەر ئىراق ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قەبرە كۇۋەيتنىڭ شىمالىدىكى ئىراق موتلاخ قۇملۇق رايونىغا يېقىن جايغا جايلاشقان. كۇۋەيت جىنايەت تەكشۈرۈش ئورگىنى بىلەن قىزىل كىرىست دۆلەتلىك كوممىتىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئامېرىكىنىڭ كۇۋەيتتە تۇرۇشلۇق بازىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن قېزىش خىزمىتى ئېلىپ بارغان، ئۇلار داۋاملىق ئەتراپتىكى قەبرىلەرگىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
كۇۋەيت بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپكى قەدەملىك تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، ئۆلگۈچىلەر دېڭىز قوتۇقى ئۇرۇشىدا قازا قىلغان ئىراق ئەسكەرلىرى ئىكەن. بۇ جەسەتلەر قانۇن دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈشدىن ئۆلكۈزۈلگەندىن كېيىن قىزىل كىرىست دۆلەتلىك كوممىتىتى ئارقىلىق ئىراق ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدىكەن.
 
 
 

 

مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -08 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776