رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 565 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيىسىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 5 ئادەم قازا قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :
  • مەنبە: news.sina.com.cn
  •  

جوڭگو رادىئو تورىنىڭ5 -ئاينىڭ26-كۈنىدىكى خەۋىرى-2011يىلى5-ئاينىڭ25-كۈنى سائەت19دىن50مىنۇت ئۆتكەندە،بايۇڭغۇلىن ئوبلاستلىق ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش ئەترىتى خېجىڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش چوڭ ئەترىتى خېجىڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى110قوماندانلىك مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. 218 دۆلەت يولىنىڭ 586كىلومىتىرلىق بۆلىكىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بۇلۇپ ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش ئەترىتىنى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا چاقىردى.بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېين،خېجىڭ ناھىيىلىك ئوتتۇرا ئەترىتى تېزلىك بىلەن2ماشىنا ئادەم بىلەن نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى.
سائەت20  دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە،قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى خادىملارنەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئەھۋانى كۆرگۈچىلەردىن سوراش ئارقىلىق:بىر  باغۇنتايدىن خېجىڭ ناھىيىسىگە قاراپ كېتىۋاتقان تەڭرىتاغ سىرلىق قىتئە گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى بىلەن يەنەبىر خېجىڭدىن باغۇنتايغا قاراپ كېتىۋاتقان كىچىك تىپتىكى چىرۈي ماركىلىق ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ،كىچىك تىپتىكى ماشىنىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزىلىشىنى كەلتۈۈرۈپ چىقارغان،ھەمدە كىچىك تىپتىكى ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى 2ئادەم قاتتىق سوقۇلۇش تۈپەيلى سىرتقا قاڭقىپ چىقىپ كەتكەن،باشقا 3 ئادەم ماشىنىغا قىسىلىپ ئۆلگەن.
كەينىدىنلا،قوماندان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،خادىملارنى 2 گۇرۇپپىغا بۆلۈپ،بىر گۇرۇپپىنى نەق مەيداننى قوغداشقا،يەنە بىر گۇرۇپپىنى ئاگاھلاندۇرۇش تانىسى بىلەن ئەتراپنى قورشاپ ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ نەق مەيداننى ۋە ئۈسكىنىلەرنى بۇزۇۋىتىپ قۇتقۇزۇشقا دەخلى قىلىشىدىن ساقلاشقا بۇيرىدى.خادىملار دەرھال سايمانلار بىلەن ماشىنىنىڭ ئىشىكى ۋە ئۈستى قىسمىنى كېسىپ ئېلىۋىتىپ قۇتقۇزۇشقا قۇلايلىق ياراتتى،ھەمدە قىسىلىپ قالغان2قازا قىلغۇچىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تارتىپ چىقاردى.يەنەبىر قازا قىلغۇچى ماشىنا ئىشىكى بىلەن ئورۇندۇق ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان بۇلۇپ،خادىملار سۇيۇقلۇق بېسىمى ئارقىلىق رول بىلەن ئورۇندۇق  ئوتتۇرىسىدا بوشلۇق ھاسىل قىلىپ،قازا قىلغۇچىلارنى ئوڭۇشلۇق ھالداچىقىرىۋالدى.

قۇتقازغۇچى خادىملارنىڭ 4سائەت جىددىي قۇتقۇزىشى ئارقىلىق،3قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا چىقىرىۋىلىندى.

  ئېگىلىنىشىچە، 218دۆلەت يولىدايۈز بەرگەن 5ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ئالاھىدە چوڭ قاتناش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۋىتىپتۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش