نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1073 قېتىم كۈرۈلدى
بارسېلونا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى ئۇتۇۋالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -04
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 


تېڭشۈن تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى  4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى تەنتەربىيە خەۋىرى، ياۋروپا چېمپىيونلۇقنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقەسى تۇنجى بىرلەشمە بىر مەيدان دىئالوگى بېرنابېئۇ پۇتبول مەيدانىدا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى.  ساھىبخانا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بارسېلوناغا جەڭ ئېلان قىلدى. مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بارسېلونا  پىنتو(Pinto) نى مەيدانغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش سەۋەبلىك پېپې (Pepe) غا قىزىل كارتا بېرىلدى. پېپې ئەسەبىيلەشكەن ھالدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، قىزىل كارتىنى چىشلەپ يىرتىۋەتتى. مۇئۇرىنھو (Mourinho) رېپىرگە قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكتىن مەيداندىن قوغلاپ چىقىرىلدى. مېسسى (Messi) ئۇنىڭدىن كېيىن ۋارتا ئالدىدىكى تۆت كىشىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پەسىللىك مۇسابىقەدىكى 52 - تىپنى كىرگۈزدى. مېھمان بارسېلونا كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا جەڭ مەيدانىدا بېرنابېئۇ ( Bernabeu) تۇنجى قېتىم غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
سىلو (C Lo) گەرچە ئالدىنقى مەيداندا رەقىبىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما كوماندا ئەزالىرىنىڭ ماسلىشىشى بولمىغانلىقتىن، ئۇ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، كوماندىدىكى ئەزالارغا قول پۇلاڭلىتىپ كەتتى.


 


ئارىدىكى ئارام ئېلىشتا، ئىككى كوماندا ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. بارسېلونا پىنتونى مەيدانغا چۈشۈرۈپ، ئۆز ئەزالىرىنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرمىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ، 76 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ئافېللىي (Afellay) سول تەرەپتىن ماركېلو(Marcelo) نىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتتى. ئاندىن مېسسى راموس (Ramos) نىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ۋارتاسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن 0 گە قارشى 1 نەتىجە مەيدانغا كەلدى. بۇ مېسسىنىڭ موئۇرىنھو (Mourinho) نىڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن تۇنجى قېتىم ھەرىكەتچان توپ كىرگۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىپ 82 مىنۇت ئۆتكەندە موئۇرىنھو باسكېيۇتس (Busquets) سوقۇپ يېقىتىۋەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭغا سېرىق كارتا بېرىلدى.


 


مۇسابىقە باشلىنىپ 82 مىنۇت ئۆتكەندە، مېسسى چەكلەنگەن رايون ئالدىدا توپنى  ئافېللىيغا بېرىپ، ۋەزىيەتتە ئۆزگەرتىش ياسىدى. شۇنىڭ بىلەن گوللاندىيەلىكلەر توپنى ئارگېنتىنالىقلارغا تارتقۇزۇپ قويدى. مېسسى يەنە تۆت ئادەمنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، سول تەرەپتىن ئۇستىلىق بىلەن بۇ توپنى قىيپاش ھالەتتە ۋارتاغا ئۇردى، نەتىجە 0 گە قارشى 2 بولدى. دېمەك، ئۇ 11 مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇقنى مۇسابىقەسىدە 11 توپ، پەسىللىك ئومۇمىي مۇسابىقەدە 52 توپ كىرگۈزدى!

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش