ئۆز خەۋىمىز :غۇلجا ناھىيسى بۇ يىل ئاققۇلار ئارامگاھىنى ئاسىراش ئاساسيى ئەسلىھە قۇرلۇشىغا 655 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان .
ئاققۇلار ئارامگاھى غۇلجا ناھىيەسى يېڭىتام يېزىسىنىڭ شاخلىق كەنتىگە جايلاشقان ،غۇلجا ناھىيسىدىن 53 كىلومىتىر يېراقلىقتا ،كۆلىمى 50 مو كىلدىكەن .بۇ يەردىكى ئارشاڭ قىشتا مۇز تۇتمايدىكەن ،بۇ ئىلى دەرياسى بويىدىكى بىردىنبىر ئاققۇلار ئارامگاھى ھېسابلىنىدىكەن .ئاققۇلار 1985-يىلدىن باشلاپ بۇ جايغا ماكانلشىشقا باشلىغان ،ھازىرى كۆپىيىپ 180 گە يەتكەن .بۇ يەردە ئاققۇدىن باشقا ،دۆلەت تەرپىدىن قوغدىلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك جۇڭگو قىسقا پۇت سېرىق قۇشقىچى ،جۇڭخۇا ئىلمەك قويرۇق ئۆردىكى بىلەن دۆلەت تەرپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرلىرى ھەم سۇ قۇشلىرى بار ئىكەن .
مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776