رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 481 قېتىم كۈرۈلدى
خوتەن ۋىلايىتىدە 17 ياشلىق بالا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 

خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى باش قۇمئېرىق كەنتىدە 22-ماي سائەت 5:00 لەردە 17 ياشلىق بىر بالا سۇغا چۈشۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ قالغان.

مۇخبىرنىڭ 23-ماي خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش -ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە،شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:55 لەردە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش -ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى <119> قوماندانلىق مەركىزى مەلۇماتنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن،12 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئەۋەتكەن. بىر سائەتلەردىن كېيىن غەۋۋاسلار سۇغا چۈشۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ قالغان بالىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ قىرغاققا ئېلىپ چىققان.

ئىگىلىنىشىچە،تۇنجۇقۇپ قالغان بۇ بالا لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا يېزىسىدىن بولۇپ،ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەنكەن.

 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش