ھىندىستاندىكى بىر قىسىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئالغۇچىلار ئەمگەك قانۇنىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ ، كىچىك بالىلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن ھەمدە بۇ بالىلارغا بولكا ۋە سۈت بېرىشكە كاپالەتلىك قىلغان .
ئەمەلىيەتتە ب د ت ئىلگىرى نەشردىن چىقارغان ‹‹ كىم بالا ئىشچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ؟ ›› دېگەن كىتابتىمۇ قۇرامىغا يەتمىگەن ئەمگەك كۈچلىرى ، مائارىپنى قوبۇل قىلمىغان كىچىك بالىلار ۋە بالا پاھىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمىگەن .
بىر ھىندىستانلىق كىچىك بالا پولات سىمدا ماڭماقتا . نامراتلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى تەسىرىدە نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىكى ئاتا ــ ئانىلار ئامالسىزلىقتىن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرىنى ئىش ئورۇنلىرىغا ماڭدۇرماقتا . ئەگەردە بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋەيران بولسا ، بۇ بالا ئىشچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يەنە قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلەر ؟
ھىندىستاندا نەچچە ئون مىليون بالا ئىشچى بار بولۇپ ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . بالا ئىشچى ئىشلىتىشنى ھۆكۈمەت چەكلەيدۇ ، بىراق ھىندىستاندىكى نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى بالا ئىشچى ئىشلىتىشنى خالايدۇ .
ھىندىستان 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەسىرىدە ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ رەتلىك ، پاكىز ، مەدەنىي قىياپىتىنى نامايان قىلماقچى بولدى . بىراق بۇ گۈزەل ئارزۇ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر زور بەدەل تۆلىدى . ھىندىستان شەھەر قىياپىتىنى رەتلەش ئۈچۈن يېڭى دېھلىدىكى سەرگەردانلارنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىۋەتتى ، بۇنىڭ بىلەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قىشنى سىرتتا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى .
بىر كىچىك قىز قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىمەكتە
ئانا بىلەن ئوغۇل قۇرۇلۇش ئورنىدىن قايتماقتا . ھىندىستاندا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ناھايىتى ئاز بولغان پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا بولسا كۈندە بىر قاچا تاماق بېرىلىدۇ .
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776