رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 481 قېتىم كۈرۈلدى
ئوباما ئاق ساراينىڭ سىرتىغا ‹سولىنىپ› قالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -26
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

ئوباما سالۋادوردىكى زىيارىتىنى قىسقارتقانلىقتىن 23-مارت، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن نەچچە سائەت بۇرۇن ئاق سارايغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئاق ساراينىڭ ئىچىگە كىرەلمەي سىرتتا سولىنىپ قالغان.
ئوباما سالۋادوردىكى زىيارىتىنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىدىغىنىنى خىزمەتچى خادىملارغا خەۋەر قىلمىغان بولۇپ، نەتىجىدە ئاق ساراينىڭ ئىشىكلىرى تاقاق بولغانلىقتىن ئىشخانىسىگە كىرەلمىگەن. دەل مۇشۇ چاغدا بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئوبامانىڭ دەل ئاق ساراينىڭ ئىچىگە كىرەلمەيۋاتقان ھالىتىنى سۆرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭغا قارىتا: «قارىغاندا ھەرقانچە ھوقوقى چوڭ ئەمەلدار بولسىمۇ، ئۇنىڭمۇ كىرەلمەيدىغان ھەم ئۇنىڭغىمۇ ئېچىلمايدىغان ئىشىك بولىدىكەندە!» دېگەن.
بىراق ئوباما بۇ ئىشقا تېرىكمەستىن بىر قانچە ئىشىكنى ئېچىپ سىناپ باققان. كېيىن كىچىك بىر ئىشىكنىڭ ئوچۇقلىقىنى بايقاپ شۇ ئىشىكتىن ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتكەن. ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ لىۋىيەگە قاراتقان بەزى سىياسەتلىرى چەت دۆلەتلەرنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچراۋاتقانلىقتىن، ئوباما تېزدىن قايتىپ كېلىپ سىياسىي كىرزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش