رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 612 قېتىم كۈرۈلدى
خەۋپسىزلىك كېڭىشى خەلقئارا جەمئىيەتنى ھايتىغا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى تېزرەك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەۋەت ق ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 12 – يانۋار تېلېگراممىسى. ھايتىدا يەر تەۋرىگىنىگە بىر يىل بولغان پەيتتە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 12 – يانۋار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بايانات ئېلان قىلىپ، ھايتىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنى ھايتىنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى تېزرەك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.
   باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايدۇ ھەم بۇ تىراگېدىيە تۈپەيلى تۇرمۇشى ئۆزگىرىپ كەتكەن كىشىلەرگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى ب د ت نىڭ ھايتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئەۋەتكەن خاس ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى يەر تەۋرەشتە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان 102 خىزمەتچىنى چوڭقۇر ياد ئېتىدۇ، شۇنداقلا ب د ت نىڭ ھايتىغا ئەۋەتكەن خاس ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە ھەم ئۇلارنىڭ ھايتى خەلقىنىڭ يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىدۇ.
   باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ھايتى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قوللايدۇ ھەم ھايتىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش