رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 453 قېتىم كۈرۈلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قىسىمى بەھرەين ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بەھرەينگە ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -17
  • يوللىغۇچى : ubulkasim
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14–مارت مانامادىن بەرگەن تېلېگراممىسى. بەھرەيىن ھۆكۈمىتى 14 –مارت بەھرەين ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بەھرەين ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قوراللىق قىسىمى بەھرەينگە ياردەملىشىپ «خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرتىپىنى قوغداش» ئۈچۈن 14 – مارت بەھرەينگە كىردى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن بىرقانچە كۈندە بەھرەيندە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ ھاياتى، مال– مۈلكى تەھدىتكە ئۇچرىغان نۇرغۇن ۋەقە يۈز بەردى. دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىك،ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، بۇ كومىتېتقا ئەزا بىرەر دۆلەتتەھدىتكە ئۇچرىسا بارلىق ئەزا دۆلەت تەھدىتكە ئۇچرىدى، دەپ قارىلىدۇ.

  بەھرەين ھۆكۈمىتى خەلقنى دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەت قىسىملىرىنىڭ بەھرەينگە كىرىپ ئورۇنلىشىشىنى قارشى ئېلىشقا ھەم ئۇلارغا ماسلىشىشقا دەۋەت قىلدى. دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باشقا ئۈچ ئەزاسى، يەنى كۇۋەيىت، قاتار ۋە ئومماننىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە قاتناشقان – قاتناشمىغانلىقى ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەس.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش