رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 397 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيە تېخىمۇ كۆپ رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇدىغانلىقىنى بىلد ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -17
  • يوللىغۇچى : ubulkasim
  • مەنبەسى :

www.alhux.com

«خەلق گېزىتى»نىڭ 15-مارت توكيودىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ساقچى دائىرلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 15-چېسلا سائەت 20گىچە يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە 3373 ئادەم قازا قىلغان، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقۇلۇپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان جاي مىياگى، ئىۋاتې ۋە فۇكۇشىما ناھىيەسى ئىكەن. نۆۋەتتە، ئاپەت رايونىدا تەخمىنەن 440 مىڭ ئامما پاناھلىنىۋېتىپتۇ، ھەرقايسى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرى ئېتىك بولۇپ، ئىچىملىك سۇ، يېمەكلىك، يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى كەمچىل ئىكەن.

  ياپونىيە فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۆت گېنراتورلار گۇرۇپپىسى تۆت كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن پارتىلىغان. پاپونىيە باش ۋەزىرى ناتو كەن 15-چېسلا رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىش خەۋپىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ناتو كەن ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 15-چېسلا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ياپونىيەنىڭ يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىدىكى جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ تەرتىپلىك قايتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا كونكرېت قايتۇرۇش لايىھەسى، يىغىلىدىغان ئورۇن، ئالاقىلىشىدىغان ئادەمنى جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تورىغا چىقىپ كۆرۈڭلار دېيىلدى. (يۈ چىڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش