رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 668 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگو ب د ت نىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئومۇمىي پىلانىغا 1مىليون دوللار ئىئانە قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 12 – يانۋار تېلېگراممىسى. جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 12 – يانۋار ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا ب د ت نىڭ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى باش كاتىپى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ب د ت نىڭ باش ئىشتاب بىناسىنى رېمونت قىلىشقا ئالاقىدار ئاساسىي قۇرۇلۇش ئومۇمىي پىلانىغا 1 مىليون دوللار ئىئانە قىلدى.
   ب د ت نىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى كاين ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش ئومۇمىي پىلانىغا مەسئۇل ياردەمچى باش كاتىپى ئاردشتېين كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. كاين ب د ت باش كاتىپى بان كېمونغا ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت خىزمىتىنى، بولۇپمۇ، ئاساسىي قۇرۇلۇش ئومۇمىي پىلانىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ب د ت باش ئىشتابىنىڭ رېمونت قىلىنىدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش ئومۇمىي پىلانىنىڭ خامچوتى 2006 – يىلىنىڭ ئاخىرى ب د ت يىغىنىدا تەستىقلانغان. 2 مىليارد دوللارغا يېقىن خىراجەت كېتىدىغان بۇ تۈردە 2008 – يىلى رەسمىي ئىش باشلانغان بولۇپ، 2013 – يىلى پۈتىدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش