نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 380 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا قايتىش بېلىتىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -17
  • يوللىغۇچى : ubulkasim
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14–مارت ۋاشىنگتوندن بەرگەن تېلېگراممىسى.ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ 14 –مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىدارىمىز رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالەم قاتنىشى مەھكىمىسىبىلەن ئومۇمىي سوممىسى 753 مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالىدى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالەم قاتنىشى مەھكىمىسى 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلى 6 – ئايغىچە ئامېرىكىنىڭ 12ئالەم ئۇچقۇچىسىنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.بۇ ھەر بىر ئامېرىكائالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا قايتىش بېلىتىنىڭئۆرلەپ 62 مىليون 750 مىڭ دوللارغا ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇلتۇر رۇسىيەفېدېراتسىيەسى ئالەمقاتنىشى مەھكىمىسى بىلەن 335 مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالىغان، شۇ ۋاقىتتا ھەر بىر ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ 2013 – يىلىدىن 2014 – يىلغىچە ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا قايتىش بېلىتىنىڭ باھاسىنى 55 مىليون 800 مىڭ دوللار قىلىپ بېكىتكەن. ھازىرقىبېلەت باھاسى تەخمىنەن 51 مىليون دوللار.ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى: پۇل پاخاللىقى بېلەت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئايروپىلانلىرى بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ۋەزىپە ئۆتەشتىن توختايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى رۇسىيەنىڭ ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا بارىدۇ. ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا مال يەتكۈزۈپ بېرىشكەئامېرىكىدىكى ئىككى سودا شىركىتى ھەم رۇسىيە، ياۋروپا، ياپونىيە مەسئۇل بولىدۇ.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش