رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 566 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىدا «توردىكى بىنلادىن» قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -15
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com 
 

شىنخۇا تورى خەۋىرى، بۇلتۇر 11-ئايدا توردا ۋىدېئو ئېلان قىلغۇچى شىركەت YouTube ئامېرىكا تەلەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى دىنىي زات ئەنۋەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئېلان قىلغان بارلىق ۋېدىئولارنى ئۆچۈرۈشكە باشلىغان. ئەگەر ھازىر سىز مەزكۇر تور بېكەتتىن ئەنۋەرنىڭ ئىسمىنى ئىزدىسىڭىز، نۇرغۇنلىغان ۋەز ئېيتىش ۋە تەرغىباتنى مەزمۇن قىلغان ۋېدىئولار چىقىدىكەن.
چەكتىن ئاشقان ئۇنسۇرلارنىڭ مۇنازىرە قىلىدىغان مۇنبەرلىرىمۇ ھەرخىل بولۇپ، ئادەتتە YouTube نى زىيارەت قىلغۇچىلار مەزكۇر تور بېكەتكە تىزىملاتماي تۇرۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئېلان قىلغان ۋېدىئولارنى كۆرەلەيدىكەن.  ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم يەرلىك ئۇچىغا چىققان ئۇنسۇرلارنىڭ تېكىستىگە ئىنگلىز يېزىقى ياكى ئىنگلىز يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقىنى تەڭ ئىشلىتىپ، ياساپ چىققان ئاجايىپ غەلىتە ۋېدىئولىرى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە باشقا تور بېكەتلەردىن ئەنۋەرگە ئائىت ئىنگلىز يېزىقىدىكى ۋېدىئولارنى تاپقىلى بولىدىكەن.
«توردىكى بىنلادىن» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئەنۋەر بولسا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان يەمەنلىك. ئۇ ئامېرىكىدا نۇرغۇن قېتىم قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولۇپ، نەچچە قېتىم تەسىرى زور بولغان پارتلىتىش ۋەقەلىرىگە سەۋەبچى بولغان.  كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ماكانى يەمەنگە مۆكۈۋالغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ رادىكال ئىدىيىسىنى تەرغىبات قىلىشنى توختاتمىغان.
يېېقىنق يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا تىررورلۇق جىنيايىتى بىلەن قارىلىنىپ تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاق تەنلىك ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ پەرىزىچە، ئەنۋەرنىڭ تىرۇرىزىمنى «يەرلىكلەشتۈرۈش»كە قوشقان تۆھىسى ئاز ئەمەس ئىكەن. 2001-يىلىدىكى «911» ۋەقسىدىن كېيىن، ئەنۋەر ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلرىىىدىكى تېلېۋىزۇرلاردا تىرورچى ئۇنسۇلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا سۆككەن. «نىيو يورك ۋاقىت گېزىتى» ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى مەدىھلەپ مۇنداق دېگەن:« ئەنۋەر ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىگە شەرق-غەرب ئىديىسى مۇجەسسەم قىلغان يېڭى بىر ئەۋلاد مۇسۇلمان رەھبەر».
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى:« نۆۋەتتە ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت ئېلىپ كەلگۈچى بىنلادىن ئەمەس، بەلكى يەمەن ۋە ئامېرىكا قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئەنۋەردۇر. ئەمدى 40 ياشقا كىرگەن ئەنۋەرنىڭ قول ئاستىدىكى نەچچە يۈزلىگەن «غازاتچىلار»«911» دىن كېيىن ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور تەھدىت ھېسابلىنىدۇ».
1991-يىلى، 20 ياشقا كىرگەن ئەنۋەر كولورادو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاممىۋى قۇرۇلۇش كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىغا تايىنىپ «مۇسۇلمان ساۋاقداشلار بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ. 1993-يىلى يازدا ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پراكتىكا پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئافغانىستانغا بېرىپ غازاتچىلار بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئافغانىستاندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ رادىكال ئىدىيىسى ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ.
2004-يىلى ئەنۋەر يەمەنگە قايتىپ، ئۆزىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىگە تايىنىپ بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلىنىدۇ. 2006-يىلى 8-ئايدا، ئۇ يەمەندىكى يەرلىك ئورگانلار تەرىپىدىن «تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان»دەپ قارىلىپ، 18 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. ئۇ تۈرمىدىكى ۋاقتىدا مىسىرنىڭ »مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ سىياسىيونى سەئىدى.قۇتۇبىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نەزىرىدە غەرب، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئەشەددىي دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ.
ئۇ خۇددى بىنلادىنغا ئوخشاش پوزىتسىيىسى ناھايىتى ئىللىق بولۇپ، تەمكىنلىك بىلەن سۆزلەيدىكەن. تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا بولۇپ، غەربتە تەربىيە ئالغان تۇرۇقلۇق  غەرب مەدەنىيىتىگە نارازى. ئۇ يەنە  ئىنگلىز تىلى بىلەن ئەرەب تىلىغا پۇختا بولۇپ،  ئىسلام ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ئامېرىكىدىكى ئەمەلىي مىساللارنى ئېلىپ، ئادەتتىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يېقىنلاشماقچى بولغان. ئۇ غەربنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىغان بولۇپ،  ھەر قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەندە غەرب جەمئىيىتىنىڭ ئاجىزلىقلىرى ۋە نۇقسانلىرىنى مىسالغا ئېلىپ سۆزلىگەن، ھەمدە  ئۇزۇنغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە بىر تۈركۈم تېررورچىلارنى تەربىيىلىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن 10 قېتىدىن ئارتۇق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەنۋەرنىڭ تور، رادىئو ھەمدە CD قاتارلىق ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ تارقاتقان «ئۈگۈت»لىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ھەتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئۇنى «يوقىتىش نۇقتىسى» دەپ بېكەتكەن.
ئەنۋەر ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Facebook قا ناھايىتى ھېرىسمەن بولۇپ، ئۇ 4800 نەپەر دوستقا ئىگە ئىكەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكىدىكى ياشلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا تېخى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇنىڭ «تېررورلۇق سېھرىي كۈچى» نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىق كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان. ئەنۋەر مەۋھۇم دۇنيا بىلەن رېئال دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا كۆزىگە قادالغان مىخقا ئايلانغان.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى يېڭىدىن بىر ھەربىي ئىشلار مەركىزى قۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى مەخپىي ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ. مەزكۇر مەركەز تېررورلۇققا قارشى ئاكتىپ قارشى جانلىق ستراتىگىيىنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى پاكىستان، يەمەن، سۇمالىي قاتارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان دۆلەتلەر ئىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش