رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 623 قېتىم كۈرۈلدى
چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى : 2050–يىلى دۇنياغا كىم ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -07
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئوقۇرمەنلەر سەمىگە : 2050–يىلىدىكى دۇنيا قانداق بولىدۇ ؟ سىتى بانكىسى بىلەن خۇيفېڭ بانكىسى بىر–بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى . قايسى تەسەۋۋۇر ئەمەلىيەتكە بەكرەك يېقىن ؟ بۇ غەربنىڭ داۋاملىق كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇشى ياكى پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىشلىرىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى بەلگىلەيدۇ .

   ئەنگىلىيەنىڭ ‹‹كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى›› نىڭ 28–فېۋرالدىكى ماقالىسى .  تېمىسى : 2050–يىلى دۇنياغا جۇڭگو ، ھىندىستان ھۆكۈمرانلىق قىلامدۇ ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىق قىلامدۇ ؟ ئاپتورى مەزكۇر گېزىتنىڭ سودا سەھىپىسىنىڭ باش مۇھەررىرى ئامبروس ئېۋانسپورىچارد )

   2050–يىلىدىكى دۇنيا قانداق بولىدۇ ؟ تۈرلۈك ھېسابلاش ۋە قىياس قىلىشلار ئارقىسىدا سىتى بانكىسى بىلەن خۇيفېڭ بانكىسى بىر–بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇلارنىڭ قايسىسى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ ؟ بۇ غەربنىڭ داۋاملىق كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇشى ياكى پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىشلىرىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى بەلگىلەيدۇ .

   سىتى بانكىسى : غەرب زاۋال تېپىپ ، ئاسىيا ، ئافرىقا قەد كۆتۈرىدۇ

   غەربنىڭ زاۋال تاپىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغان يېڭى سىبىنگېللى ئېقىمىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ، سىتى بانكىسى گۇرۇھىدىكى ۋېليام . بېتتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك بەزى پەرەزلەرنى قىلغان . ئۇنىڭ قارىشىچە ، 2050–يىلى مۇسۇلمان دۆلىتى ھىندونېزىيەنىڭ دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP ) گېرمانىيە ، فىرانسىيە ، ئىتالىيە ۋە ئەنگىلىيەلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىغىندىسىغا يېتىدىكەن ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمىنى قوشقاندا ، ئامېرىكىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە تەڭلىشىدىكەن ، 16–ئەسىردىكى ياۋروپا دېڭىز ئارمىيەسى قەد كۆتۈرۈشتىن بۇرۇنقى ئاسىيانىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىدىكەن . ئۇنىڭ قىياسىچە ، ئافرىقا ئاسىيانىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، ئاخىرىدا قەد كۆتۈرۈپ ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز رايونغا ئايلىنىدىكەن . بۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە ، ئافرىقىنىڭ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى % 7.5 كە يېتىدىكەن .

    بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۆجىزىلىك ئىپادە كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن . ئاپەت كەلتۈرىدىغان سەپسەتىلەردىن قۇتۇلغان ھەم ئەڭ ئاخىرىدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنىڭ ‹‹ بوسۇغىسىدىن ئاتلاش سەۋىيەسى ›› گە يەتكەن چاغدا ، ئۇلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى توسىيالايدىغان ھېچنەرسە قالمايدىكەن .

    بېتتىنىڭ قىياسىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن : ‹‹ ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىلدە ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىدا ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئۇدا ئېشىش ئىستىقبالى بۈگۈنكىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىغان ›› . 2050–يىلىغا بارغاندا پۈتۈن يەر شارىنىڭ GDP سى 73 تىرىليون دوللاردىن 378 تىرىليون دوللارغا يېتىدۇ .

     ئۇنىڭدىن باشقا ، بېتتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى : ‹‹ ئېشىش نىسبىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خاتا تۇيغۇدىن ھوشيار بولۇش لازىم ›› ياكى ‹‹ ئىقىتىساد قانچە گۈللەنسە ، كۆپۈكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆپۈكنىڭ يېرىلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇزغۇنچىلىقمۇ شۇنچە زور بولىدۇ ›› ياكى ‹‹ ئۇ نەزەرىيەدىكىگە ئوخشاش ئۆزلىكىدىن بولمايدۇ ، شۇنداقلا مۇقەررەر يۈزلىنىشمۇ ئەمەس . تارىختىن قارىغاندا ، ئۇ بۇنىڭدىن مۇستەسسىنا ، ھەم ئادەتكە ئايلانغان ئىشمۇ ئەمەس ›› .

    ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى ، سىتى بانكا گۇرۇھى قىياس قىلغان پۈتۈن يەر شارىنىڭ قايتىدىن قارتا شىيلىشىدا ، ئەنگىلىيە ئۆتكەلدىن ئاران ئۆتكەن . 2050–يىلىغا بارغاندا ئەنگىلىيە پۈتۈن يەر شارى بويىچە 10–رەتتىكى ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا بىردىن–بىر ئالدىنقى ئون رەتكە كىرەلىگەن دۆلەت بولۇپ قالىدۇ . كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمدىن قارىغاندا ، ئۇ ھەتتا ئامېرىكىدىنمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

     لېكىن ، پاكىت مۇشۇنداق بولامدۇ ؟ خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار باھالاش تۈرى (PISA ) دا ، ئەنگىلىيە كىتاب ئوقۇش ساھەسىدە 25–ئورۇنغا ، ماتېماتىكىدا 28–ئورۇنغا ، ئىلىم–پەندە 16–ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان . يۇقىرىقى ئۈچ ساھەدە ، جۇڭگونىڭ شاڭخەيدىكى ئوقۇش رايونى 1–لىككە ئېرىشىپ ، كورىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن .

    خۇيفېڭ بانكىسىنىڭ دوكلاتىدىمۇ ئوخشاشلا ، بىر تەڭداشسىز گۈللەنگەن دەۋىر قىياس قىلىنغان ، لېكىن ، غەرب زاۋاللىققا يۈزلەنمىگەن . جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ، لېكىن ، ئەمدىلا ئېشىپ ، كەينىدىنلا يېنىپ كەتكەن .

    دوكلاتتا قىياس قىلىنىشىچە ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 2.1 بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپاغا ئوخشاش قېرىلىشىش كىرىزىسىغا ئۇچرىمايدىكەن . بېيجىڭ بىلەن شاڭخەينىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 1.0 ، كورىيەنىڭ 1.1 ، سىنگاپورنىڭ.1.2، گېرمانىيىنىڭ 1.3 پولشانىڭ 1.3 ، ئىتالىيەنىڭ 1.4 ، رۇسىيەنىڭ 1.4 بولىدىكەن .

    2050–يىلىغا بارغاندا ، ئامېرىكىلىقلار يەنىلا جۇڭگولۇقلاردىن 3 ھەسسە كام بولىدىكەن . ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى يەنىلا ھىندىستاندىن كۆپ ئېشىپ كېتىدىكەن ، ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى كەينىدىكىلەردىن 2.5 ھەسسە زور بولىدىكەن . بۇ تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر رايون ئىسىتراتېگىيەسىنىڭ نەتىجىسى .

     مېنىڭ ئۆز قارىشىم خۇيفېڭ بانكىسىنىڭكىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ .

    ئىككى خىل تەتقىقات خارىۋارد ئونىۋېرىستېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى سۇبېرت باسۇينىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغان ، لېكىن ، نوپۇس كىرىزىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ . ئەڭ چوڭ نامەلۇم بولغان ئامىل ، ئاھالىنىڭ تېز قېرىلىشىشى يېڭىلىق يارىتىشقا قانداق تەسىر بېرىشى ، شۇنىڭدەك ، بۇ پەللىگە يېتىشكە قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن ئىبارەت .

    مۇتلەق سانلىق قىممەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، جۇڭگونىڭ ئەمگەك كۈچى 4 يىلدىن كېيىن ، يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ . نوپۇس تاكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20–يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا بارغىچە داۋاملىق كۆپىيىپ بارسىمۇ ، لېكىن ، ئاھالىنىڭ قېرىلىشىشى ئىنتايىن تېز بولىدۇ . كورىيە بىلەن ياپونىيەگە ئوخشاش ، جۇڭگونىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىمۇ داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ . ئۇنىڭ سەۋەبى : كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى باياشاتلىشىدۇ ، ئاياللارنىڭ تەربىيە ئېلىش دەرىجىسى يۇقىرىلايدۇ ، كېچىكىپ توي قىلىپ ، كېچىكىپ پەرزەنتلىك بولىدۇ ، تويدىن كېيىن ئائىلىنىڭ يۈكى ئېغىرلايدۇ ، ئولتۇراق ئۆينىڭ تەننەرخى ئۆرلەيدۇ ۋە باشقىلار . بۇ خىل يۈزلىنىشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ، بەلكىم يېرىم ئەسىر كېچىكىشى مۇمكىن .

    ماگىنوس بەزى ئادەملەرنىڭ ‹‹ مالىماتاڭ تەپەككۈر ›› ىنى قاتتىق ئەيىپلەپ : ئۇلار ‹‹ ئالتۇن ئوردا ›› سارىڭى بولۇپ قاپتۇ ، بەزىلىرى يېنىكلىك بىلەن پۈتۈن يەر شارى بويىچە كىرىدېت كىرىزىسى غەربنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتىدىغانلىقىنى ، ئاسىيانىڭ قەد كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، دېگەن يەكۈننى چىقاردى ، دېدى

     بەلكىم ، ئۆتكەن ئەسىرگە ئوخشاش ، 21–ئەسىر يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئەسىرى بولۇشى مۇمكىن .

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش