رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 742 قېتىم كۈرۈلدى
بۇ يىل Facebook كۆرۈنمە ئېلان جەھەتتە ياخۇدىن ئېشىپ كېتىدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -07
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com 

شىنخۇا تورى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بازار تەتقىقاتى ئورگىنى eMarketer نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:<< Facebook بۇ يىل ياخۇدىن ئېشىپ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كۆرۈنمە ئېلان تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن>>.
دوكلاتتا Facebook نىڭ بۇلتۇرقى ئامېرىكا كۆرۈنمە ئېلان بازىرىدىكى سىغىمچانلىقىنىڭ %13.6 تىن %21.6 ئۆرلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ يىل تەخمىنەن %23.8 گە يتىشى مۇمكىن ئىكەن.
eMarketer نىڭ مۆلچەرىچە، Facebook نىڭ بۇ يىلقى كۆرۈنمە ئېلان كىرىمى 2 مىليارد 100 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەيدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ياخۇنىڭ ئامېرىكا كۆرۈنمە ئېلان بازىرىدىكى سىغىمچانلىقى 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما سۈرئەت جەھەتتە يەنىلا Facebook نىڭكىگە يەتمەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كېلەر يىلى گۇگېلنىڭ كۆرۈنمە ئېلان بازىرىدىكى سىغىمچانلىقى نىسبىتى جەھەتتە ياخۇدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى زور ئىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش