رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 679 قېتىم كۈرۈلدى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى لىۋاندىكى مەزھەپلەرنى سۆزلىشىش يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاشقا دەۋەت قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 12 – يانۋار تېلېگراممىسى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى مۇسا 12 – يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ لىۋاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن ئەپسۇسلاندى ھەم لىۋان سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ سوغۇققان بولۇپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
   مۇسا باياناتىدا مۇنداق دېدى: لىۋاندىكى ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى مىللىي مەنپەئەتنى مۇھىم بىلىپ، سۆزلىشىش يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئەقىل – پاراسەتكە ۋە ئاساسىي قانۇنغا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
   ئۇ لىۋان زۇڭتۇڭىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
   لىۋان ئىچكى كابىنېتىنىڭ 11 ئەزاسى 12 – يانۋار كەچتە ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئىستېپا بەرگەن كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ۋەكىلى، لىۋان ئېنېرگىيە ۋە سۇ بايلىقى مىنىستىرى جىبران بەشىر ئىستېپانامىسىدە: بىزنىڭ ئىستېپا بېرىشىمىزگە سەۋەب بولغان ئامىل لىۋان زۇڭلىسى سائاد ھەرىرى رەھبەرلىكىدىكى ‹‹14 – مارت›› ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا سوت مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە سۈرىيەنىڭ لىۋان كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىدۇر، دېدى
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش