رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 677 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىنىڭ لوس–ئانژېلىس شەھىرىدە ئاپتوبۇسلار پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوس – ئانژېلىس، 12 – يانۋار تېلېگراممىسى. ئامېرىكا لوس – ئانژېلىس شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتى 12 – يانۋار: شەھىرىمىزدىكى دېزىل ئىشلىتىدىغان ئاخىرقى بىر ئاپتوبۇسنىڭ بۈگۈن رەسمىي ‹‹پېنسىيە››گە چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇ شەھەردىكى نەچچە مىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ ھەممىسى دېزىل ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي توختاتتى، بۇنىڭ بىلەن لوس – ئانژېلىس شەھىرى ئامېرىكىدا 1 – بولۇپ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىدا ئومۇميۈزلۈك پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەتكەن شەھەر بولۇپ قالدى، دەپ جاكارلىدى.
   ئامېرىكا لوس – ئانژېلىس ناھىيەسى مەركىزىي شەھەر تىرانسىپورت مەھكىمىسىدىكىلەر مۇنداق دېدى: لوس – ئانژېلىسنىڭ ئۇسۇلى نامايەندە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈلگىلىك رولى پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئامېرىكىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ. مەزكۇر مەھكىمىنىڭ مەسئۇلى دونالد كېنابې: لوس – ئانژېلىسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى مەيلى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىقتىساد نۇقتىسىدىن بولسۇن، چوڭ شەھەرنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىدا پاكىز ئېنېرگىيەنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، دېدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش