رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 657 قېتىم كۈرۈلدى
قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون 20 – فېۋرال خوتەن شەھىرىدە قوش تىل مائارىپىنىئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا جايلارنىڭ قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوش تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ھەم ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ھەل قىلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت تەپەككۇرى ۋە ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆزقىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋەئۇزاق ئەمەنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ كەلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كۆڭۈل بولۇشى ۋە قوللىشى، ھەر مىللەت مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە پۇختا ئاساس سېلىندى.

  ئەركىنجان تۇراخۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە مىللەتنى روناق تاپقۇزۇشنى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىسىدەپ بىلىپ، قوش تىل مائارىپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ نىشان، ۋەزىپىلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك؛ مائارىپ قانۇنىيىتى بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قوشتىل مائارىپى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك؛ ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان مەكتەپ مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. (جىڭ بو خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش